تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەي ئايال، توي قىلىپلا ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ

    نۇرغۇن ئايال تويدىن كېيىن ئىلگىرىكىدەك چاققان بولماي قالىدۇ-دە، بۇرۇنقىدەك ياسىنىپ كەتمەيدۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ بارغانسېرى نازاكىتىنى يوقىتىدۇ. توي قىلىپ بولدۇمغۇ، دەپ ئويلاپ ياسىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك ئىنتايىن خەتەرلىك، چۈنكى ھېچكىم بىر كېچىدىلا نازاكىتىنى يوقاتمايدۇ، شۇڭا جەلىپ قىلىش كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۈندە ئەينەككە قاراپ، يۈرۈش-تۇرۇشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۆۋەندىكى تۆت خىل ئەھۋال سىزدە كۆرۈلگەن بولسا، دىققەت قىلىڭ، نازاكىتىڭىزنى يوقىتىشقا تەييارلىنىۋېتىپسىز.
    بەدەن ئېغىرلىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك
    تويدىن بۇرۇن قىزلار كۆڭلىدىكى يىگىتىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ناھايىتى چىرايلىق ياسىنىپ يۈرىدۇ. ئەمما تويدىن كېيىن ئەرنىڭ كۆڭلىنى ۋاقىتلىق ئۇتقاندەك قىلغان بىلەن، مۇشۇ ھالەتنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يەنىلا بەدەن قىياپىتىگە ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ. نۇرغۇن ئاياللار ئەرلەر تولغان ئاياللارنى ياخشى كۆرىدۇ، دېگەننى بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلماسلىققا باھانە قىلىۋالىدۇ، ئەمما كېيىنچە ئېرىنىڭ كۆزىگە باشقىچە كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا ئاندىن ھوشىنى تاپىدۇ. شۇڭا بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ئاسراڭ، ساغلام، زىلۋا بەدەنگە ئېرىشىش ئۈچۈن تېزدىن ئورۇقلاڭ.

    بازار چۆرگىلەشكە ئېرىنىش، ھېچنىمىگە قىزىقماسلىق
    ئاياللار توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن بەخت ئۆزىگە مەڭگۈ تەئەللۇق بولىدىغاندەك ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە بەختنىڭ ئۆلچىمى پات-پات ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. سىزنىڭ بازار ئايلانمىغىنىڭىزغا خېلى ئۇزاق بولغان بولسا، سىز نازاكىتىنى يوقىتىش ئالدىدا تۇرغان ئايالغا ئايلىنىش گىردابىغا بېرىپ قاپسىز. شۇڭا ئېرىڭىزگە ھەر ۋاقىت يېڭىچە تۇيغۇ بېرەي دېسىڭىز مودىغا ماسلىشىپ چىرايلىق كىيىنىڭ.
    ھورۇنلىشىپ كېتىش، پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپلا ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش
    كىشىلەر دۇنيادا سەت ئايال يوق، پەقەت ھورۇن ئايال بار، دەيدۇ. سىز كۈندىن-كۈنگە ھورۇنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا جەزبىدارلىقىڭىزنى يوقىتىش ئالدىدا تۇرىۋېتىپسىز. ياشلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ، ئەمما ياشلىقنى ساقلاپ قېلىش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش كۆپىنچە ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. شۇڭا يىللارنىڭ قېرىتىشىغا بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك ئايال بولۇڭ.

    ئازادە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوغلىشىش
    ئازادە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوغلىشىش ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ياخشى ئىشمۇ ئەمەس. كۆپىنچە كىشىنىڭ تۇرمۇشى ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئەمما ئادەم ئازادە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللىۋالسا بارا-بارا ھورۇنلىشىپ، كاللا ئىشلىتىشمۇ خۇشياقماس بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال كىشىمۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغلارنى ئەسلا كىيمەس بولۇپ، لاتاپىتىنى يوقىتىدۇ.
    مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئايال كىشىنىڭ نازاكىتىنى يوقىتىشى ھورۇنلۇقتىن بولىدۇ، ئەي ئايال، ھەر ۋاقىت گۈلدەك تۇرۇڭ!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى