شىنخۇا تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئالىي سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئەدلىيەلىك زور سانلىق مەلۇمات تەتقىقات يۇرتى يېقىندا ئاجرىشىش ماجرالىرىغا قارىتا مەخسۇس دوكلات تۈزۈپ چىققان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سوت مەھكىمىلىرى ئاجرىشىش ماجراسىدىن 1 مىليون 400 مىڭنى قوبۇل قىلغان. 2016-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2017-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى سوت ئېچىلىپ ئاياغلاشقان دېلولاردىن كۆرسىتىلىشىچە، تويدىن كېيىنكى 2 يىلدىن 7 يىلغىچە بولغان ۋاقىت تۇرمۇشنىڭ بۇزۇلۇشى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىل بولۇپ قالغان.
دېلو دەۋاگەرلىرى ئىچىدە %73.4ى ئاياللار بولۇپ، ياش پەرقى 0 ياشتىن 3 ياشقىچە بولغان ئەر-خوتۇنلار كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن. ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىن پەقەت بىر تەرەپنىڭ ئاجراشقۇسى بار، يەنە بىر تەرەپ قوشۇلمايدىغان ئاجرىشىش دېلولىرى %91.09نى ئىگىلەيدىكەن. %65.81 دېلو ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشى ھۆكۈمى بىلەن نەتىجىلەنگەن.
سانلىق مەلۇماتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، %77.51 ئەر-ئايال ھېسسىيات جەھەتتە كېلىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن سوتقا مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ئەرزى سۇنغان، %14.86 ئەر-ئايال ئائىلە زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ئەرزى سۇنغان. مەملىكەت بويىچە ئائىلە زوراۋانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئاجرىشىش ماجىرالىرىدىن 1-سوت ھۆكۈمى چىقىرىلغان دېلولار ئىچىدە %91.43 دېلودا ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى ئۇرۇشى، تىللىشى ۋە ھاقارەتلىشى ئاساس قىلىنغان.