تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

دۇنيانى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تاڭ نۇرىغا چۆمدۈرەيلى

  ـــ شى جىنپىڭنىڭ 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا(4)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيا سەھنىسى قىممەتنىڭ يول باشلىشىنى كۈتمەكتە؛ ئۆزگىرىش كۆپ بولۇۋاتقان شەرقتىكى چوڭ دۆلەت ئورتاق مەسئۇلىيىتىنى ئۇنتۇمايدۇ.

  ‹‹دۇنيانى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تاڭ نۇرىغا چۆمدۈرەيلى!›› ـــ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان كەڭ قورساقلىقنى نامايان قىلدۇق، ئىنسانىيەت ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىمىزنى گەۋدىلەندۈردۇق. جۇڭگونىڭ ئاۋازى، جۇڭگونىڭ ھەرىكىتى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ئىشەنچ ۋە كۈچ ئاتا قىلدى.

  ‹‹ھەرقانداق ئىشقا سەمىمىيلىك بىلەن، ئاق كۆڭۈللۈك، مىننەتدارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك››. جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن ئادالەت تۇيغۇسى ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسىغا باي خەلق، ئەزەلدىن ئۆز ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى ھەرقايسى ئەل خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ كەلگەن. تارىخنى ئەسلەيدىغان بولساق، جاڭ چيەننىڭ غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىشى، جيەن جېننىڭ ياپون دېڭىزىدىن ئۆتۈشى، جېڭ خېنىڭ يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىشى قاتارلىق تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغان مەدەنىيەت ئالاقىسى ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان بۈيۈك بىرلىك ئىدىيەسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ، ئالەمنى سىغدۇرىدىغان كەڭ قورساقلىق سالاپىتىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ، بارچە ئەل بىلەن ماسلىشالايدىغان يۈكسەك ئېتىقادنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ھازىر، ئۇلۇغ مىللىي روھقا ئاساسەن، يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى مۇساپىسىدە كۈرەش قىلىۋاتقان جۇڭگو ھېلىھەم ئۇرۇش مالىمانچىلىقى، ئەنسىزلىك، ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىقتا ياشاۋاتقان ئالاقىدار دۆلەت خەلقلىرىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە خالىس ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا باشتىن – ئاخىر تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. بۇ سەمىمىي ئارزۇ بىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە ئىسپاتلاندى، جۇڭگو باشقا دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىي تاپىدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەرقانداق دۆلەتكە تەھدىت سالمايدۇ، جۇڭگو مەڭگۈ زومىگەر بولمايدۇ، مەڭگۈ كېڭەيمىچىلىك قىلمايدۇ.

  بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ئۈمىدكە تولغان، خىرىسقىمۇ تولغان دۇنيا. دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشىدىن مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ئۇچۇرلىشىشىغىچە، بىزنىڭ يەرشارى كەنتىمىز بارغانسېرى ئايرىلماس تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلانماقتا. ھەر قانداق بىر دۆلەت ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خىرىسلارغا مۇستەقىل تاقابىل تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا ھەر قانداق بىر دۆلەت بېكىنمىچىلىك ھالىتىگە قايتالمايدۇ. مەيلى قايسى دۆلەتنىڭ خەلقى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسى بار، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يولى مۇقەررەر يول. رېئاللىقنىڭ مۇرەككەپلىكى سەۋەبىدىن ئارزۇدىن ۋاز كەچسەك بولمايدۇ، غايىگە يېتىش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى سەۋەبىدىن ئىزدىنىشتىن ۋاز كەچسەك بولمايدۇ، شۇندىلا بىز ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتالايمىز.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەچكە، تىنچلىقنىڭ قەدرىنى، تەرەققىياتنىڭ قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ. بىز ئىزچىل ھالدا دۇنيا ياخشى بولسا، جۇڭگو ئاندىن ياخشى بولىدۇ؛ جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، دەپ قاراپ كەلدۇق. ‹‹تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ››، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىش ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز؛ ‹‹خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى داۋاملىق پائال قوغداپ››، دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى ھەرقايسى ئەل خەلقى بىلەن كېڭىشىپ قىلىشىمىز؛ ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرۈپ››، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز؛ ‹‹دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق ئاكتىپ قاتنىشىپ››، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ كۈچلۈك چاقىرىقى شۇنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتىكى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى بىلەن بىللە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق كۈچ توپلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، باشتىن – ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.

   ‹‹ئالىي غايە كۆڭۈلگە پۈكۈلگەندە، جاھان خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ››. جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت، ب د ت نىزامنامىسىگە تۇنجى بولۇپ ئىمزا قويغان دۆلەت. بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ‹‹بىز قەيەردىن كەلدۇق، ھازىر قەيەردە، نەگە بارىمىز›› دېگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو كۈچى بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيە مەشئىلىنى ياندۇرۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بىزنىڭ يەر شارىنى تېخىمۇ تىنچ، تېخىمۇ گۈزەل قىلىشقا، تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە ئىشەنچىمىز بار، شۇنداقلا ئىقتىدارىمىزمۇ بار.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 24 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى