تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى قۇرۇلۇشلارنى قوللىدى

  بۇ مائارىپ ساھەسىدىكى 86 تۈرگە، ساياھەت ساھەسىدىكى 62 تۈرگە، سەھىيە ساھەسىدىكى 69 تۈرگە چېتىلىدۇ

  مۇخبىرىمىز شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت- ساياھەتچىلىكنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئۈچ خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە 2018- يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدە مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرگەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 82 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان، بۇ مەبلەغ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر، مائارىپ ئاساسى ئاجىز ناھىيەلەردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، ئالىي كەسپىي ئىنستىتۇتلار، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش مەخسۇس تۈردىكى 86 تۈرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

  مەدەنىيەت- ساياھەتچىلىكنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا جەمئىي 275 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى (رادىيو- تېلېۋىزىيە، ئاخبارات- نەشرىيات) ئەسلىھەسى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ۋە تەبىئىي مىراسلارنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەسلىھەسى، ساياھەت ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق ئۈچ مەخسۇس تۈردىكى 62 تۈر قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق قوللايدىكەن. تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەدەنىيەت- ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتى ئۇل ئەسلىھە شارائىتى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، ئاخبارات- نەشرىيات، رادىيو- تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقى، ساياھەت مەنزىرە رايونى مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەتچىلىكنىڭ سۈپىتى ۋە دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 859 مىليون 200 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلغان، بۇ، 2017- يىلىدىكىدىن 61 مىليون 400 مىڭ يۈەن كۆپ بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار قۇرۇلۇشى، ئانا- بالىلار ساغلاملىق كاپالىتى قۇرۇلۇشى، جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش قۇرۇلۇشى (كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئاپپاراتى قاتارلىقلار)، جۇڭيى تېبابىتى- دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۆت سەھىيە ئىشلىرى مەخسۇس تۈر قۇرۇلۇشىدىكى 69 تۈرگە چېتىلىدىكەن.

  ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش پىلانىنى چۈشۈرگەن، پىلان چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما تۈرلىرىنى دائىملىق تەڭشەش، توردا نازارەت قىلىش، مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەشكىللەپ يولغا قويىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭ تۈرنى باشلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تۈرنىڭ بالدۇر باشلىنىپ، بالدۇر پۈتۈپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنىڭ ئۈنۈمىنى بالدۇر جارى قىلدۇرۇش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.