تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

«تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 4-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 3- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 2- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 4- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ـــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىپ چىقارغان زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر مەيدان چوڭقۇر ئۆزگىرىش. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى» شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈمنى ئەلالاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كەلگەن، پارتىيەنىڭ رايى، ئارمىيەنىڭ رايى، خەلقنىڭ رايىغا ماسلاشقان بولۇپ، بۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىشنى چوقۇم كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، سىياسىينى تەكىتلەپ، ئومۇمىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش كېرەك. توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، پىرىنسىپى، نىشانىنى چىڭ ئىگىلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەدبىر، لايىھەسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا، ئىسلاھات لايىھەسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى جايىدا كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر تەرەپتىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىگە تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان زور تەدبىر، شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى زور تەدبىر. 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىدا ماقۇللانغان ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى نامايان قىلدى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە كۈچلۈك ساداسىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئۇ چوقۇم يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچلۈك ئاساسىي قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش كېرەك، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەنىڭ ھىمايىسىگە، خەلقنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە ئېرىشتى، پارتىيەنىڭ يادروسى، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى، خەلقنىڭ داھىيسى بولۇشقا ھەقلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئاساسىي قانۇننى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قانۇن تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈش كېرەك، دۆلەت خىزمەتچىلىرى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىپ، ئاساسىي قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى قوللىنىپ، قانۇننى ھۆرمەتلەيدىغان، قانۇننى ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان، قانۇننى تەتبىقلايدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك. ئاساسىي قانۇننى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇننى ئۆگىنىش، ئاساسىي قانۇننى ھۆرمەتلەش تەشۋىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ئىززەتلىگۈچىسى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىسى ۋە قەتئىي قوغدىغۇچىسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى قوغداش كېرەك، ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، ئەڭ يۇقىرى قانۇن ئورنىغا، قانۇن نوپۇزىغا، قانۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار ئالدىدا باشتىن- ئاخىر ھېيىقىش پوزىتسىيەسىدە بولۇش، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قانۇن، قانۇن دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى، قائىدە، تەرتىپ بويىچە ھوقۇقنى يۈرگۈزۈش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان تۇنجى يىل، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئىچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئىسلاھات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامدا يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، زور تۈزۈملەردىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە نۇقتىلىق كۈچەپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، پۈتۈنلۈكلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ بېغىشلاش كېرەك.

  يىغىندا «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2018- يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ ئادۋوكاتلىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دورا ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.