تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئەرلەرنى بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدىن مەھرۇم قىلىدىغان بىر قانچە ئىش

    ئەرلەر «قېلىپلاشتۇرۇپ» باشقۇرۇلۇشنى خالىمايدۇ

    ئەرلەرنى قېلىپقا سېلىۋېلىشنى ئويلايدىغان ئاياللار باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى كۆپ كۆزىتىشى، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئائىلىسىدىمۇ نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقى بارلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك، چۈنكى تەبىئىي ۋە ئىناق ئائىلە تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ.
    بۇنىڭدىن باشقا، مەسىلىلەرگە كۆپرەك ئائىلىسىدىكىلەر تەرەپتە تۇرۇپ نەزەر سېلىش كېرەك. مەسىلەن: ئەرلەر پاراڭلىشىشنى، كۆپرەك چاقچاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما زىيادە پاكىزلىقنى نۇرغۇن ئەرلەر قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇڭا ئايال بولغۇچى ئەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى كۆپرەك كۆزدە تۇتۇپ، زىيادە قاتتىق تەلەپ قويۇۋېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
    ئەرلەر ئايالىنىڭ سادىق بولۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلىدۇ
    ئاياللىق ھوقۇقىنى كۆپ تەكىتلەيدىغانلار دائىم ئەر-ئايالنىڭ باراۋەر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا پرىنسىپقا تاقىلىدىغان بەزى مەسىلىلەردە خاتالىق سادىر قىلىپ قويىدۇ، ھەتتا ئەرنىڭ غورۇرىغا تېگىپ قويىدۇ. بۇنداق ئاياللار ئائىلىنىڭ ئەرلىك غورۇرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەنزىلگاھى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئائىلە ماجىراسىدا ئاياللار مۇرەسسەلىشىشنى، ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئۆزىنىلا مەركەز قىلىۋالماسلىقى كېرەك. ھەر قانچە ئاچچىقى كەلسىمۇ، ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىشنى قېيداشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالماسلىقى كېرەك.
    ئەرلەر ئايالىنىڭ ھەممىلا تەرەپتە ئۆزىدىن كۈچلۈك بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ
    ئاياللار ھەر قانچە ئەقىللىق ۋە قەيسەر بولۇپ كەتسىمۇ، ئەمما ئېرىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان ئاياللار ئېرىگە ئەركىلەش، ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىش ھەتتا ناھايىتى ئاددىي ئىشلارنى بىلمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىش ئارقىلىق، ئېرىغا تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ ئاتا قىلىشقا بەكرەك دىققەت قىلىشى كېرەك.
    مۇستەقىل قارىشى يوق ئاياللار ئەرلەرنى چارچىتىۋېتىدۇ
    بۇنداق ئاياللار ئىشلارنى قېلىپقا سېلىۋالىدۇ، ھەقىقىي ئۆزى بولۇپ ياشىمايدۇ، كۆپىنچە ۋاقتى گاڭگىراش ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئەرلەر بۇنداق ئاياللارنىڭ نېمە قىلغۇسى بارلىقىنى بىلەلمەيدۇ-دە، ئىنتايىن چارچاش ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ ۋاقىت سەرپ قىلىپ خوتۇنىغا ئەقىل كۆرسىتىشى كېرەك. قىسقا مەزگىل ئىچىدە بۇ ئۇنىڭغا بەك كۆپ تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما كۈنلەر ئۇزارغانسېرى ئۇ خوتۇنىنى ئائىلىسى ئۈچۈن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىدى، دەپ ئويلايدۇ. خىزمەتتە چارچاپ ئاران تۇرۇۋاتقان ئەر ئايالىنىڭ زىيادە تايىنىۋېلىشىدىن بىزارلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    بۇنداق ئاياللار ئۆزىنى كۆپرەك ئىپادىلىشى، دوستلار يىغىلىشى ياكى ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۆز ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە چېنىقتۇرۇشى كېرەك. شۇندىلا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئېشىپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ۋە ئىقتىدارىغا ئىشىنىدىغان بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى