تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

بۇربوسۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاشقا كۈچىدى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەبىجان ئەخمەت خەۋەر قىلىدۇ: ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي  –  قانۇن كومىتېتىدىن ‹‹ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە نىلقا ناھىيەسىنىڭ سۇپتاي يېزىسى بۇربوسۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلەپ، كەنتتىكى نامرات ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا كۈچىدى.  

   كەنت ئاھالىسى ئاۋۇتجان قۇرماش مۇنداق دېدى: بۇلتۇر كەنتىمىزگە كەلگەن كادىرلارنىڭ ياردىمىدە ئاسفالت يوللار ياسىلىپ، يول چىرىغى ئورنىتىلدى، يېڭىدىن كۆۋرۈك سېلىندى، تۇرمۇش مۇھىتىمىز كۈندىن – كۈنگە گۈزەللەشتى.

   ئىلگىرى، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدە 1 – يىللىقتىن 4 – يىللىققىچە سىنىپ سەپلەنگەن بولۇپ، 5 – يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى قوشنا كەنتكە بېرىپ ئوقۇيتتى. خىزمەت ئەترىتى ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 5 – يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز كەنتىدە ئوقۇش ئىشىنى ھەل قىلدى. ئۇلار يەنە جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ 900 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەنتنىڭ تور بىلەن قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەنتتە ئالاقە تورى يوق بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. ناھىيەلىك رادىيو – تېلېۋىزىيە تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنتكە 12 رادىيو كانىيى ئورنىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازى ۋە بېيىش ئۇچۇرلىرىدىن ئاممىنى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە كەنتتە يەنە يېڭىدىن نەسىللىك چارۋا باقمىچىلىق رايونى قۇرۇلدى. سەككىز كىلومېتىر سۇ تۇرۇبىسى ياتقۇزۇلۇپ، ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈلدى، 123 ئائىلىنىڭ ئىچىدىغان سۇ مەسىلىسى ياخشىلاندى، 110 نامرات ئائىلىگە 2 مىليون 580 مىڭ يۈەن ئۆسۈمسىز قەرز پۇل ھەل قىلىپ بېرىلدى. خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنتتىكى 20 نەچچە دېھقاننى باشقا ناھىيەلەرگە بېرىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىدى. ھازىر بۇ كەنتتىكى 197 كىشى باشقا جايلاردا، 83 كىشى ئۆز يېرىدە ئىشلەپ ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇردى.

   كەنت ئاھالىسى يىلىسقان ياردۆلەتنىڭ تۆت قىزى مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بولۇپ، تۇرمۇشتا قىينالغانىدى. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شياۋ جىلىن ئۇلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەردى. يىلىسقان ياردۆلەت مۇنداق دېدى: قوشماقلاشقان تۇغقىنىم، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شياۋ جىلىنغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇ ماڭا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ھەل قىلىپ بېرىپ، ئۆيۈمنى رېمونت قىلدۇرۇپ بەردى. پەرزەنتلىرىمنىڭ ئوقۇش خىراجىتى ئۈچۈن 6000 يۈەن ياردەم قىلدى.

   بۇ يىل كەنتتە يەنە ھويلا – ئاران ئىگىلىكى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە كەسىپ مەھسۇلاتلىرى، ئەمگەك ۋاسىتىچىلىكى ۋە  باقمىچىلىقتىن ئىبارەت ئۈچ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ، 164 نامرات ئائىلە ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولدى.

   خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شياۋ جىلىن مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى ئازاد قىلىش. بىز بۇربوسۇن كەنتىدىكىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەش يولىدا تۈرلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم قىلىمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى