تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

قان ئازلىق بوۋاقلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    تۆمۈر كەملىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق بوۋاقلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۈچ خىل بولىدۇ:

    بىرىنچى، ئۆسۈپ يېتىلىشى تېز بولۇش. بالىلارنىڭ بوۋاق ۋە ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىدە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئەڭ تېز بولىدۇ، ئۈچ ئايلىقتىن بەش ئايلىق بولغىچە بەدەن ئېغىرلىقى يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە ئېغىر بولىدۇ، بىر ياشقا كىرگەندە بەدەن ئېغىرلىقى يېڭى تۇغۇلغان ۋاقىتنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە ئېغىر بولىدۇ. بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى تېخىمۇ تېز ئاشىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قان سېغىمچانلىقىمۇ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىدۇ، شۇڭا تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى بەرمىگەندە ئاسانلا قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ.

 

ماتېرىيال سۈرەت

    ئىككىنچى، تۆمۈر قوبۇل قىلىش يېتەرلىك بولماسلىق. ئاي-كۈنى توشۇپ تۇغۇلغان بالىلارغا نىسبەتەن ئانىنىڭ بەدىنىدىكى زاپاس تۆمۈر ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇپ ئۈچ، تۆت ئايغىچە قان ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتىدۇ. ئانىنىڭ بەدىنىدىكى «زاپاس تۆمۈر» ھامىلە مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ ئېيىغىچە يېتىدۇ، شۇڭا بالدۇر تۇغۇلغان بالىلاردا «زاپاس تۆمۈر» نىسبەتەن ئاز بولىدۇ، ئەگەر تۇغۇلغاندىن كېيىن دەرھال تۆمۈر تولۇقلىمىسا، تۆمۈر كەملىكتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

    ئۈچىنچى، تۆمۈر ھەددىدىن زىيادە خوراپ كېتىش. نورمال بوۋاقلارنىڭ كۈندىلىك تۆمۈر خورىتىشى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈش ۋە تەكرار يۇقۇملىنىشمۇ تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە پايدىلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قان ئازلىق كۆرۈلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    قان ئازلىقنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى: چىرايى تاتىرىش، كالپۇك ۋە تىرناقنىڭ رەڭگى سۇسلىشىش، نەپەسلىنىش ۋە يۈرەك رېتىمى تېزلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت، روھسىزلىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئاسان ھاياجانلىنىش قاتارلىقلار، يېشى  چوڭراق بالىلاردا باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بەدەندە تۆمۈر كەم بولسا قان ئازلىق ئۇنچە تېز ئىپادىلەنمەيدۇ. قان ئازلىق كۆرۈلۈشتىن ئىلگىرى، تۆمۈر كەملىك بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە يامان تەسىر ئېلىپ كېلىپ، قىزىل قان ئاقسىلى ۋە مۇسكۇل قىزىل ئاقسىلىنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەندىكى بەزى ئېنزىملارنىڭ ئاكتىپلىقى تۆۋەنلەپ، بەدەندىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەقلىي قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاسانلا كېسەل پەيدا قىلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    بالىلارنىڭ تۆمۈر كەملىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپكە دىققەت قىلىشى كېرەك.

    بىرىنچى، ئانا سۈتىدە بېقىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش. ئانا سۈتىدىكى %50 تۆمۈر سۈمۈرۈلىدىغان بولغاچقا، ئانا سۈتىدە بېقىلغان بوۋاقلارنىڭ تۆمۈر كەملىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ.

    ئىككىنچى، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئىلمىي قوشۇش كېرەك. تۆمۈر تولۇقلايدىغان  تۆمۈر تەركىبلىك گۈرۈچ ئۇنى قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا، يەتتە، سەككىز ئاي بولغاندىن كېيىن، تۆمۈر تەركىبى يۇقىرى بولغان تۇخۇم سېرىقى، قارا گۆش قاتارلىق باشقا يېمەكلىكلەرنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، ۋىتامىن C تەركىبى يۇقىرى بولغان مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك بەرگەندىمۇ تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.

    ئۈچىنچى، قان قىزىل ئاقسىلىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش. تۇغۇلۇپ ئالتە ئاي ۋە توققۇز ئاي بولغاندا بىر قېتىم تەكشۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش كېرەك، بۇ قان ئازلىقنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە داۋالاشقا پايدىلىق.

 

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى