تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تاكسى شوپۇرلىرى ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدىسە كەسىپكارلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، قاتناش ترانسىپورت مىنىستىرلىقى بىلەن ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، تور تاكسى شوپۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان.
    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: تاكسى شوپۇرلىقنى ئىلتىماس قىلغانلار مۇلازىمەت ئورنى تۇرۇشلۇق جايدىكى تاكسى ئاپتوموبىللىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئالاقىدار ئىسپات ۋە ئەھدىنامىلەرنى تاپشۇرىدۇ. جايلاردىكى تاكسى ئاپتوموبىللىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى كىنىشكىسى بولغان تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى شۇ دەرىجىلىك ج خ ئورگىنىغا تەمىنلەپ بېرىدۇ. ج خ ئورگانلىرى ھەر پەسىلدە كىنىشكىسى بولغان شوپۇرلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئۇچۇرلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ئېنىقلاش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلىش، خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش، زەھەر چېكىش، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، زوراۋانلىق جىنايىتى خاتىرىسى بولغان، يېقىنقى ئۈچ نومۇر خاتىرىلەش دەۋرىي مۇددىتىدە 12 نومۇرى تارتىلغان شوپۇرلارنى بايقىسا، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تاكسى ئاپتوموبىللىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىغا ئىنكاس قىلىدۇ. تاكسى ئاپتوموبىللىرىنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار شوپۇرنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ كۈچتىن قالدۇرىدۇ. قاتناش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، جاۋابكارلىق ھادىسىسى ئۇچۇرلىرى كارخانا، شوپۇرنىڭ  مۇلازىمەت سۈپىتىنى يىللىق ئۆلچەپ باھالاش ئارخىپىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ھالدا، تاكسى شوپۇرلىرىنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە ج خ ئورگىنىنىڭ نوپۇس ئۇچۇرلىرى، ئاپتوموبىل شوپۇرلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى خاتىرىلەش ئۇچۇرى، زوراۋانلىق جىنايىتى ئۇچۇرلىرىدىن بىرلىشىپ ھەمبەھرىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۇچۇرنى توردا شۇ ھامان تەكشۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ۋەقە داۋامىدىكى ۋە ۋەقەدىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى