تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مالىيە مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ئىچىدە شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنى (تۈزىتىلمە)، يەر خېتى بېجى قانۇنى قاتارلىقلارنىڭ بۆلۈملەر ئىچىدىكى تەييارلاش خىزمىتى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملىنىدۇ

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 20-كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2018-يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى شەخسىي تاپاۋەت بېجى (تۈزىتىلمە)، يەر خېتى بېجى قانۇنى، بايلىق بېجى قانۇنى، ئىستېمال بېجى قانۇنى، ماركا بېجى قانۇنى، شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى قانۇنى، تاموژنا بېجى قانۇنى، مەمۇرىي-كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلۈكلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنىڭ بۆلۈملەر ئىچىدىكى تەييارلاش خىزمىتى تاماملاپ، دەل ۋاقتىدا گوۋۇيۈەنگە يوللىدى.

   مالىيە مىنىستىرلىقى قانۇن-نىزام مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2018-يىلى، مالىيە مىنىستىرلىقى زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى تېزدىن قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئىلمىي ئاساس ، دېموكراتىك يول بىلەن قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم.

   شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان 2018-يىللىق مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن چىقىرىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، مالىيە مىنىستىرلىقى بۇ يىل ئىچىدە ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈشكە كۈچ چىقىرىپ، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىق بۆلۈملەر نىزاملىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزىدىكەن. بوغالتىرلىق قانۇنى، رويخەتكە ئېلىنغان بوغالتىرلىق قانۇنى، مالىيە قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى، مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش نىزامى، كارخانىلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى ئاساسلىق باشقۇرۇش نىزامى قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزۈش ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرىدىكەن؛  مالىيە خام چوت باھالاش مەشغۇلات قائىدىسى قاتارلىق تارماقلار قائىدىسى لايىھەسىنى تۈزۈش خىزمىتى مۇۋاپىق پەيتتە ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇپ قانات يايدۇرىلىدىكەن.

   بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل مالىيە مىنىستىرلىقى يەر قوشۇلما قىممەت بېجى قانۇنى، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش قانۇنى (تۈزىتىلمە)، ھۆكۈمەت قەرزدارلىق قانۇنى، دۆلەت خەزىنىسى نىزامى (تۈزىتىلمە)، مالىيە مەبلىغىنى چىقىم قىلىش نىزامى، ھۆكۈمەتنىڭ باجدىن باشقا كىرىمىنى باشقۇرۇش نىزامى، دۆلەتنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى باھالاپ باشقۇرۇش چارىسى (تۈزىتىلمە) قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزام، شۇنداقلا كارخانا مالىيە ئومۇمىي قائىدىسى (تۈزىتىلمە) قاتارلىق تارماقلارنىڭ نىزاملىرىغا قارىتا قانۇن تۇرغۇزۇپ تەتقىق قىلىپ، قانۇن چىقىرىش نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىش قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى