تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

خۇاڭ شېڭچىن: ئەتراپىمىزغا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتايلى

  ئىلاۋە: «بەخت كۈرەشتىن كېلىدۇ»، « كۈرەشنىڭ ئۆزى بىر بەخت»، «يېڭى دەۋر بولسا كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ دەۋرى».... بۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق چاغانلىق كوللېكتىپ مۇبارەكلىشىش يېغىنىدا سۆزلىگەن سۆزى بولۇپ، «كۈرەش» تىن ئىبارەت دەۋر باش تېمىسى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

  يېقىندا، تورىمىزدا ئېلان قىلىنغان «بەختلىك كۈرەش قىلغۇچىلار» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك خەۋەرلەردە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ كۈرەش جەريانىدىكى جانلىق ھېكايىسى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ يېڭى قىياپىتى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشقا دەۋەت قىلىنغان.

خۇاڭ شېڭچىن

  ئۆز خەۋىرىمىز: ھادىسىگە ئۇچرىغانلىق سەۋەبىدىن خۇاڭ شېڭچىننىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى يوققا چىقتى. قىزىنىڭ ھەمراھلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى، خولۇم-قوشنا ۋە مېھرىبان كىشىلەرنىڭ ئىللىقلىق يەتكۈزۈشى نەتىجىسىدە، ئۇ تولۇپ تاشقان مىننەتدارلىق ھېسسياتى بىلەن يېزىقچىلىقنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇردى.

  سانجى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق خۇاڭ شېڭچىن بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن بولۇپ، بەلدىن تۆۋەن قىسمى پالەچ بولۇپ قالغانلىق سەۋەبىدىن چاقلىق ئورۇندۇق ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى، ئۇ تور يازغۇچىسى بولۇپ، 2014-يىلدىن باشلاپ، نەسىر ۋە ھېكايە يېزىش ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەدەبىيات تورىدا 90 دىن ئارتۇق ئەسەر ئېلان قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن ئەزەلدىن ئۇچرىشىپ باقمىغان تورداشلار ئۇنىڭ ھېكايىسىدىن ئاكتىپ  كۈچ ۋە بەختنى ھېس قىلدى.

  ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەتراپىمدا يۈز بەرگەن گۈزەل ئىشلارنى خاتىرىلەپ، باشقىلارغا ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىشتىن سىرت، جەمئىيەتنىڭ مېھرىبانلىقىغا جاۋاب قايتۇرىمەن.

  قىزىم، ئاپىڭىز ھەر ۋاقىت سىز بىلەن بىرگە...

  1996-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى خۇاڭ شېڭچىننىڭ ھاياتىدا ئۆزگۈرۈش يۈز بەرگەن بىر كۈن بولۇپ، شۇ كۈنى سەھەردە، جىددىي خاراكتېرلىك يۇلۇن ياللۇغىنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلىشى بىلەن خۇاڭ شېڭچىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى. ئۇ: مەن ئولتۇرغان ھالەتتە دوختۇرخانىغا بېرىپ، ياتقان قىياپەتتە ئۆيگە قايتتىم،-دېدى. تۇيۇقسىز قوزغالغان جىددىي خاراكتېرلىك يۇلۇن ياللۇغىنىڭ تەسىرىدە ئۇنىڭ ئىككىنچى كۆكرەك ئومۇرتقىسىدىن تۆۋەن قىسمى پالەچ بولۇپ قالغانىدى.

   ئۇ مۇنداق دېدى: قىزىم شۇ چاغدا ئىككى يېرىم ياشتا ئىدى، مەن ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىمنى بىراقلا يوقاتقان ئىدىم، كېيىنكى مەزگىلدە ئائىلە ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا قانداق يۈزلىنىش مەن ئۈچۈن چوڭ مەسىلە ئىدى.

   قىزىنىڭ ھەمراھ بولۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقى ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ئۈمىد ئېلىپ كەلدى. ئۇنىڭ قىزى ئەينى چاغدا كىچىك بولغاچقا بۇ كېسەللىكنىڭ ئاپىسىغا ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى بىلمەيتتى، قىزى ئاپىسىنىڭ ھەسرەتلىنىپ ئولتۇرغان چاغلىرىدا ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئەركىلەپ تۇرۇپ: ئاپا، قورقماڭ، مەن سىز بىلەن بىرگە،-دەپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بېرەتتى.

  خۇاڭ شېڭچىن قىزىنى ئويلاپ، ئۆزىنىڭ چوقۇم قەيسەر ياشىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئاستا-ئاستا روھىي كەيپىياتىنى تەڭشەپ، رېئاللىقنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشنى سىنىدى.

خۇاڭ شېڭچىن ۋە ئۇنىڭ قىزى

 ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقىغا كۆپ رەھمەت

   ھۆكۈمەت خۇاڭ شېڭچىننىڭ ئەھۋالىنى ئۇققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا مېيىپلار ياردەم پۇلى بەردى، مەھەللە كومىتېتى ئۇنىڭغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، مەھەللە كادىرلىرى داۋاملىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى  ئېلىپ  خۇاڭ شېڭچىن بىلەن قىزى ئىككىسىنى يوقلاپ تۇردى، ئۇنىڭدىن سىرت تېلېفون ئۇرۇش، قىسقا ئۇچۇر يوللاش ئارقىلىق ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سوراپ تۇردى ھەمدە قىيىنچىلىق بولسا دەرھال ئېيتىشنى تاپىلىدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەيلى ماددىي ياكى مەنىۋى تۇرمۇش جەھەتتىن بولسۇن، مەن ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا قىلغان غەمخورلۇقىدىن بەك مىننەتدار.

   «يىراقتىكى تۇغقاندىن، يېقىندىكى قوشنا ئەلا» دېگەندەك خۇاڭ شېڭچىننىڭ قىزى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە «تۇغقانلار» ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. سەي-كۆكتات ئېلىش، ئەخلەت تۆكۈش قاتارلىق ئىشلارنى قوشنىلار ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ قىلىشپ بەردى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ، پەقەت ياخشى ياشىغاندىلا شۇ مېھرىبان كىشىلەرگە ئەڭ ياخشى جاۋاب قايتۇرغانلىق بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

خۇاڭ شېڭچىن ۋە ئۇنىڭ قوشنىسى بىرلىكتە تۈگرە تۈگمەكتە

   ئىللىقلىق ۋە بەخت يەتكۈزۈش

   بەزى گەپلەرنى باشقىلارغا ئېيتىۋەرسە، قارشى تەرەپنى ئاسانلا بىئارام قىلىپ قويىدۇ،-دېدى خۇاڭ شېڭچىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۆڭۈل سۆزلىرىنى خاتىرە شەكىلدە كومپيۇتېرغا يازماقچى بولدى، ئۇ خاتىرىسىگە دەرد-ئازابلىق ھېسسىياتىنى يېزىشنىڭ ئورنىغا، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان مەزمۇنلارنى يازدى. ئۇ ئەتراپقا ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرىنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

   2014-يىلى دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن خۇاڭ شېڭچىن تور ئەدەبىياتى ئىجتىمائىي تەشكىلاتىغا كىردى، ئۇ ئۆز ئالدىغا بىلوگ ئېچىپ، نەسىر ۋە ھېكايە يېزىشنى ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆزۈم ۋە ئەتراپىمدا يۈز بەرگەن قەلبنى ئېرىتىدىغان ئىشلارنى تېما قىلىپ، نەسىر ۋە ھېكايىلەرنى ئىجاد قىلدىم. مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ماڭا ياردەم قىلغان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتماقچى ھەمدە تورداشلارغا ئاكتىپ كۈچ تارقاتماقچى،-دېدى.

    نۇرغۇن تورداشلار تور ئارقىلىق خۇاڭ شېڭچىن بىلەن تونۇشتى، بىر قىسىم تورداشلار ئۇنىڭ تەسىرلىك ھېكايىسىنى بىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭغا كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: لىياۋنىڭدىكى بىرەيلەن مېنىڭ ئەسىرىمنى كۆرۈپ، مېنىڭ ئاكتىپ كۈچكە تولغان ئادەم ئىكەنلىكىمنى ئېيتتى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئىككى كۈن بۇرۇن شىنجاڭغا كېلىپ مېنى يوقلىدى.

    خۇاڭ شېڭچىننىڭ  ئۇزۇندىن بېرى بىر ئارزۇسى بار بولۇپ، ئۆزىنىڭ توپلام كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ، كىتابتا تىلغا ئېلىنغان ھەر بىر كىشىگە ئۆز قولى بىلەن سوۋغا قىلىش ھەم مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىلگىرى ئۇنىڭغا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزگەن ھەر بىر«شاپائەتچى» گە جاۋاب قايتۇرۇش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەگەر بىر ئادەم قېيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، باشقىلارنىڭ كېلىپ ئۇنىڭغا غەمخورلۇق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېسابلايمەن، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ كۆيۈنۈشىگە، مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشتىم. ھازىر مەن ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرماقچى...

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى