3-ئاينىڭ 20-كۈنى، 2018-يىللىق دۇنيا سىنوك مۇسابىقىسى جۇڭگو ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2018-يىللىق دۇنيا سىنوك مۇسابىقىسى جۇڭگو ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك ئاشكارا مۇسابىقە 4-ئاينىڭ 2-كۈنى باشلىنىدىكەن، مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسى تۇنجى قېتىم 1 مىليون پوندستېرلىڭ (1 پوندستېرلىك تەخمىنەن 8.86 يۈەن) غا يەتكەن.
جۇڭگو بىليارت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-يىللىق دۇنيا سىنوك مۇسابىقىسى جۇڭگو ئاشكارا مۇسابىقىسى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، بۇ قېتىملىق مۇسابىقە دۆلەتلىك ئولىمپىك مەركىزى تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇ مۇسابىقىگە 72 ماھىر قاتنىشىدىغان بولۇپ، مۇكاپات ئومۇمىي سوممىسى تۇنجى قېتىم 1 مىليون پوندستېرلىڭدىن ئاشقان، مۇسابىقە تۈزۈمى جەھەتتە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم 19 مەيداندىن 10 مەيدان يېڭىشتىن، 21 مەيداندىن 11 مەيدان يېڭىشكە ئۆزگەرتىلگەن.
دۇنيا سىنوك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتېۋ داۋسون مۇنداق دېدى: جۇڭگو سىنوك تەنھەرىكىتىنىڭ دۇنياۋىلىشىشىدا ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان مۇھىم رول ئوينىماقتا، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىمۇ نۇرغۇنلىغان ياخشى ماھىرلارنى جەلپ قىلدى.
مۇسابىقىنىڭ تاجىدارى بولغان «فۇخۇا» گۇرۇھى شۇ كۈنى بۇ مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي مۇكاپات سوممىسىنىڭ 1 مىليون پوندستېرلىڭغا يەتكەنلىكىنى، چېمپىيونلۇق مۇكاپات سوممىسىنىڭ 225 مىڭ پوندستېرلىڭغا يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ئاشكارا مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسى دۇنيا سىنوك لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ مۇكاپات سوممىسىدىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى دۇنيا كەسپىي بىليارت ۋە سنوك جەمئىيىتى، جۇڭگو بىليارت جەمئىيىتى، بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مۇسابىقە «فۇخۇا» گۇرۇھى تاجىدارلىقىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىنى بېيجىڭ «فۇخۇا» ساياھەت-مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جياڭشى «شىڭپەي» تەنتەربىيە تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىجرانى خاس ئۈستىگە ئالىدۇ.