تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئىختىساسلىقلارغا تېخىمۇ ئىلھام بەردى

   جاۋ بىڭ

(خەلق گېزىتى مۇخبىرى)

  2017 – يىلى 1 – ئايدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر››نى تارقاتتى، شۇنداقلا ئۇنۋان تۈزۈمى سىستېمىسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، ئۇنۋان باھالاش ئۆلچىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنۋان باھالاش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇنۋان باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىدى. ‹‹پىكىر››دە ئۈچ يىل ئىچىدە قۇرۇلۇش، سەھىيە، يېزا ئىگىلىكى، بوغالتىرلىق، ئالىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانى قاتارلىق بىر قاتار ئۇنۋان ئىسلاھاتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاش، بەش يىل ئىچىدە ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تاماملاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىر يىلدىن بۇيان، جايلاردىكى ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ‹‹پىكىر››نىڭ يېتەكچىلىكىدە، تەپسىلىي پىرىنسىپنى يولغا قويۇپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

  چەت ئەل تىلى، كومپيۇتېر ئۇنۋان باھالاشتا ھازىرلاشقا تېگىشلىك زۆرۈر شەرت قىلىنمايدىغان بولدى

  ‹‹2016 – يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس››نىڭ بىرى ـــ جۇڭگو پاراۋۇز گۇرۇھى چاڭچۈن رېلىسلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىلى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىي تېخنىكى، كەپشەرچى لى ۋەنجۈن يېقىندا كومپيۇتېر ۋە چەت ئەل تىلى سەۋىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتمەي تۇرۇپلا ‹‹پىروفېسسور››لۇق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى قولىغا ئالدى، بۇ، جىلىن ئۆلكىسى بويىچە تۇنجى ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەن تېخنىك ئىشچى ھېسابلىنىدۇ. لى ۋەنجۈن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: مېنىڭ ئالىي ئۇنۋانغا ئېرىشىشىم ئۇنۋان ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت ياخشى سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىدىن بولدى. دەل مۇشۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى لى ۋەنجۈنگە ئوخشاش ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئەمەلىي نەتىجىسى بىلەن ئۇنۋان ئالالىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

  ‹‹پىكىر››دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر ئەمەلىي مەشغۇلات ئىمتىھانىغا بىر تۇتاش تەلەپ قويۇلمايدۇ، ئەمما چەت ئەل تىلى ۋە كومپيۇتېر سەۋىيەسىنى باھالاش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ياكى باھالاش ئاپپاراتلىرى باھالاش شەرتىنى ئۆزى بېكىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىلمىي ماقالىمۇ ئەمدى ئىختىساسلىقلارنى باھالاشنىڭ بىردىنبىر ئۆلچىمى قىلىنمايدۇ. كۆپ يىلدىن بۇيان، ئىلمىي ماقالە سانىغا قاراپ ئىختىساسلىقلارغا ھۆكۈم قىلىدىغان تۈزۈم قوللىنىلىپ كەلگەن. شۇڭا ‹‹پىكىر››دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئەمەلىيەتچانلىقى، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك، تەتقىقات خۇسۇسىيىتى ئېنىق بولمىغان ئۇنۋان سىستېمىسىدا ئىلمىي ماقالە تەلەپ قىلىنمىسىمۇ بولىدۇ؛ ئىلمىي ماقالە تەلىپىنىڭ ئورنىدا تەتقىقات ۋە باشقا نەتىجىلەردىن پايدىلانسىمۇ بولىدۇ؛ ۋەكىللىك ئەسەر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىنى نۇقتىلىق باھالاپ، ئىلمىي ماقالىنىڭ سانىغا قويۇلىدىغان تەلەپنى سۇسلاشتۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كادىرلار ئىشلىرى پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋۇ جياڭ مۇنداق دېدى: ئۇنۋان ئىسلاھاتىدا ئىختىساسلىقلارنى باھالىغاندا ئەخلاق – پەزىلىتى، ئىقتىدارى، تۆھپىسىگە قاراپ باھالاش كېرەك، پەقەت ئىلمىي ماقالە، ئوقۇش تارىخى، خىزمەت تارىخى، كومپيۇتېر، چەت ئەل تىلى قاتارلىقلارغا تايانماسلىق كېرەك، دېگەن ئېنىق يۆنىلىش بېكىتىپ بېرىلدى، خۇددى كۆپچىلىك ئېيتقاندەك، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەۋاتقانلار، خىزمەتنى جان كۆيدۈرۈپ قىلىۋاتقانلار، تۆھپە قوشۇۋاتقانلار ئۇنۋان ئالالايدىغان بولۇشى كېرەك.

  ئادەم ئىشلىتىش سۇبيېكتىنىڭ ئۇنۋان باھالاشتىكى يېتەكچىلىك رولى گەۋدىلەندۈرۈلدى

  ‹‹كەسىپنى بىلمەيدىغانلار كەسىپ ئەھلىنى باھالاش››، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ئۇسۇلى نوقۇل، مەمۇرىي تۈسى قويۇق بولۇش قاتارلىق مۇكەممەللەشمىگەن ئۇنۋان باھالاش مېخانىزمى ئۇزاقتىن بۇيان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنىدى. ‹‹ھۆكۈمەت باھالاش، تەشكىل باھالاش، رەھبەرلەر باھالاش››تىن ئىبارەت ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى ئۆزگەرتىپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ‹‹پىكىر››دە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ماكرولۇق باشقۇرۇشنى، جامائەت مۇلازىمىتىنى، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تەستىقلاش تۈرلىرىنى ئازايتىش، مىكرو جەھەتتىن باشقۇرۇشنى ئازايتىش، خوجىلىقنى ئازايتىش، ئادەم ئىشلىتىش سۇبيېكتىنىڭ ئۇنۋان باھالاشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چەكنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئۇنۋان باھالاش ھوقۇقىنى مۇۋاپىق تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئالدىنقى مەزگىلدە 18 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىنى باھالاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرگەن. 15 ئالىي مەكتەپ ۋە تۆت چوڭ كارخانا، ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇنۋاننى ئۆز ئالدىغا باھالاش سىناق قىلىنغان... خېنەن ئۆلكىسى ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرگە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانىنى باھالاش ھوقۇقىنى چۈشۈرۈپ بەرگەن.

  خۇبېي ئۆلكىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى بىرلىشىپ پۈتۈن ئۆلكىدىكى 80 ئالىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش ھوقۇقىنى چۈشۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا باھالاشنى يولغا قويۇپ، ئۆز ئالدىغا ھۆججەت تارقىتىپ، كىنىشكا بېجىرىپ، باھالاش نەتىجىسىدىن ئۆز ئالدىغا پايدىلانغان.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسپىي تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈجيادۇڭ مۇنداق دېدى: بەزى ئالىي مەكتەپ، چوڭ كارخانىلارنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باھالاش ئۆلچىمى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن باھالاش ئۆلچىمىدىنمۇ قاتتىق بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئادەم ئىشلىتىشنىڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ، ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئادەمنى باھالاشتا بەلكىم تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ھۆكۈمەتنىڭ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تېجەش بىلەن بىللە، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  ئۇنۋان باھالاش يوللىرى كەڭ ئېچىلىپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى سەرخىللاشتى

  يېقىندا، ‹‹غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىغىمۇ ئۇنۋان بېرىلىدىغان بولدى›› دېگەن خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنداق ‹‹جەلپ قىلارلىق›› مەزمۇن ئەمەلىيەتتە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈملۈك نەتىجىسى ئىدى.

  بېيجىڭ شەھىرى ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇنداق بەلگىلىدى: پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى – نەزەرىيەۋى ماقالىلەر، تەدبىر مەسلىھەتچىلىكى، تەتقىقات دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مائارىپ، ئوقۇتۇش، سەھىيە تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى – نادىر دەرسلىك، ئوقۇتۇش دەرس مىسالى، مۇرەككەپ كېسەللىك ئارخىپى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ مەدەنىيەت – سەنئەت ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى ئەدەبىي ئەسەرلەر، كىنو – تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى، تىياتىر ئەسىرى، ھۈنەر – سەنئەت ئەسىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى قاتارلىق ئالاھىدە سەنئەتكارلارنىڭمۇ مۇناسىپ ئۇنۋانغا ئېرىشىشى رېئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

  يۈننەن ئۆلكىسى ‹‹پىكىر››نى ئېلان قىلىپ، ئۇنۋان ئالىدىغانلارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تۈزۈلمە سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار يەنى يەرلىك ئىختىساسلىقلار، مىللىي ئەلئارا جۇڭيى دورىگەرلىك ئىختىساسلىقلىرى، مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرى قاتارلىقلارغا ئۇنۋان بېرىش يوللىرىنى ئېچىۋېتىپ، تۈزۈلمىنىڭ ئىچكى، تاشقى چەكلىمىسىدىن ساقىت قىلغان؛ ھۈنەر – سەنئەت ئۇستىسى قاتارلىق تۈرلۈك كەسپىي خادىملارغا ئۇنۋان بېرىشتە، ئىلگىرى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ‹‹كاندىدات ئالىي ئۇنۋان›› تەسىس قىلىنغان بولسا، ھازىر ئالىي ئۇنۋانمۇ تەسىس قىلىنىدىغان بولغان.

  ۋۇ جياڭ مۇنداق دېدى: ئالىي ئۇنۋان باھالاشقا قاتنىشىش كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ‹‹توسۇق››نى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى ۋە ئىقتىسادىي تەمىناتى جەھەتلەردە ئېرىشىشكە تېگىشلىكلىرىدىن بەھرىلىنىپ، خىزمىتىگە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى