تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

خەلقنى باشتىن – ئاخىر قەلب تۆرىگە قويايلى

ــــ شى جىنپىڭنىڭ 13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (1)

  ‹‹خەلق گېزىتى›› ئوبزورچىسى

  ‹‹خەلق ھەقىقىي قەھرىمان››، ‹‹خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش››، ‹‹دۆلىتىمىزدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ››... 4000 نەچچە خەتلىك دوكلاتتا، ‹‹خەلق›› سۆزى 84 قېتىم تىلغا ئېلىندى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا قىلغان سۆزى نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشىپ، ئورتاق ھېسسىياتنى قوزغاپ، يۈزمىليونلىغان خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتتى.

  ‹‹خەلقنى باشتىن – ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇپ، باشتىن – ئاخىر جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ۋە خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن باشتىن – ئاخىر تىرىشىپ خىزمەت قىلىش كېرەك››، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلۇغ خەلقىمىزنى، ئۇلۇغ مىللىتىمىزنى، مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ روھىنى چىن قەلبىدىن مەدھىيەلەپ، خەلق داھىيسىنىڭ خەلققە بولغان چوڭقۇر رىشتىنى يەتكۈزدى. شەرەپ خەلققە مەنسۇپ، رىشتە خەلققە باغلانغان، خەلق كۈچىمىزنىڭ مەنبەسى، كۈرەش خەلققە مەنسۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەلققە بولغان ھۆرمىتى ۋە خەلقنى قىزغىن سۆيۈش ھېسسىياتى بىلەن، خەلق پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانىنى جاكارلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدىكى ئەڭ زور سىياسىي ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ‹‹خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇش››تەك ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ ئەڭ يۈكسەك پىرىنسىپىنى نامايان قىلدى.

  ‹‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قاينام – تاشقىنلىققا تولغان تەرەققىيات تارىخىنى جۇڭگو خەلقى يازغان››، خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى؛ ‹‹خەلقنىڭ ھىمايە قىلغان – قىلمىغانلىقى، قوللىغان – قوللىمىغانلىقى، خۇشال بولغان – بولمىغانلىقى، ماقۇل بولغان – بولمىغانلىقىنى بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق بولغان – بولمىغانلىقىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم قىلىش كېرەك››، خەلق ــــ نەتىجە قەغىزىنى تەكشۈرگۈچى؛ ‹‹پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىش كېرەك››، خەلق ـــ كۈرەشنىڭ مەۋقەسى؛ ‹‹ھەربىر كىشى يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، ياراتقۇچىسى، قۇرغۇچىسى››، خەلق ـــ دەۋرنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە دۇنيا قاراش، قىممەت قارىشى، مېتودولوگىيە قاتلىمىدا تۇرۇپ، ‹‹كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش، مەن كىم››دىن ئىبارەت خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىي گەۋدىسىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، نېمە ئۈچۈن خەلقنىڭ مەيدانىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا قانداق چىڭ تۇرۇشنىڭ ئىچكى مەنتىقىسىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلەپ بەردى.

  خەلقنى قەلب تۆرىگە قويۇشىمىز كېرەك، بۇ مەردانە خىتاب، شۇنداقلا كەسكىن ھەرىكەت. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش مەقسەت قىلىنغان؛ ئاپپارات ئىسلاھاتىدا پۇقرالارنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش مەقسەت قىلىنغان؛ رېۋىزىيە كومىتېتى قۇرۇشتا ھوقۇقنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى ھەقىقىي كۆزلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسەت قىلىنغان. بۇ، زور سىياسىي مەسىلە، يۇقىرى قاتلاملىق تۈزۈم لايىھەسىنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەشنى ئەڭ ئاخىرقى قىممەت يۆنىلىشى قىلىدۇ. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىشلارغا نەزەر سالساق، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يېڭى دەۋرگە ئىللىقلىق بەخش ئېتىپ، پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە بەرگەن ۋەدىسىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇردى. ‹‹خەلقنى مەركەز قىلىش››تىن ئىبارەت بۇ تۈپ ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى›› ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، چوقۇم بارلىق جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە، بەخت ۋە شان – شەرەپتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلالايمىز.

  خەلق ھەقىقىي قەھرىمان، جۇڭگودىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن، يۈزمىليونلىغان خەلقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇزۇن سەپەردىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ئايىغى بىلەن شياۋگاڭ كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ قىزىل قول ئىزى، خۇەيخەي ئۇرۇشىدىكى كىچىك قول ھارۋىسى بىلەن ھازىرقى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، دەۋردە ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەلقنىڭ كۈرەش ئىرادىسى ئۆزگەرمىدى، خەلقنىڭ روھى ئۆزگەرمىدى، خەلقنىڭ كۈچى ئۆزگەرمىدى. 100 چاقىرىملىق سەپەرنىڭ 90 چاقىرىمىنى بېسىپ بولغانلىق سەپەرنىڭ يېرىمىنى باسقانلىق، كۈرەش يولىدا جەڭ قاتتىق بولىدۇ، ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يەنىلا ‹‹لۇشەن ئۆتكىلى››نى، ‹‹لازىكۇ››نى بويسۇندۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا شۇنچە كەمتەرلىك بىلەن خەلقتىن ئۆگىنىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى قوبۇل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھىنى، ئۇلۇغ كۈرەشچانلىق روھىنى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھىنى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى باشتىن – ئاخىر جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋرگە مەنسۇپ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

  جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى بىر كېمىدىن، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوتقىچە، قىپقىزىل پارتىيە بايرىقىمىزغىچە ‹‹خەلق›› دېگەن سۆز باشتىن – ئاخىر پۈتۈلگەن. يېڭى دەۋرنىڭ كۈچلۈك شەرق شامىلىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىرلىكتە يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىسىلا، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى چوقۇم پۈتەلەيدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى