تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئاساسىي مائارىپ ساھەسىدىكى مۇسابىقە، تەقدىرلەشلەرنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ‏ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى تېلېگراممىسى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ: ئاساسىي مائارىپ ساھەسىدىكى مۇسابىقە، نام بېرىش، تەقدىرلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، دېدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاساسىي مائارىپ ساھەسىدە قانات يايدۇرۇلغان مۇسابىقە، نام بېرىش، تەقدىرلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى شان-شەرەپ دەپ قاراشقىلا بولىدۇ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مەكتەپكە قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. قانۇنسىز قانات يايدۇرۇلغان شۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا بولمايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام مائارىپ ساھەسىدىكى بىر قىسىم مۇسابىقە، نام بېرىش، تەقدىرلەش پائالىيەتلىرى ئىنتايىن قالايمىقانلىشىپ، ئوقۇغۇچىلار، ئائىلىلەر ۋە مەكتەپلەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، نورمال مائارىپ ئوقۇتۇش تەرتىپىگە تەسىر كۆرسەتتى.

  بۇنىڭغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى چىقارغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئاساسىي مائارىپ ساھەسىدىكى تۈرلۈك مۇسابىقە، نام بېرىش، تەقدىرلەش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا چوقۇم قانۇن-بەلگىلىمىلەر ياكى ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى قاتلاملار تارقاتقان ھۆججەتلەرنى ئاساس قىلىپ، قاتتىق كونترول قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كېرەك. ھازىر بار بولغان بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى بويىچە باشقىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش كېرەك، باشقىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلانمىغانلىرىنىڭ پائالىيەت تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. پائالىيەت تەشكىللەشتە چوقۇم ئومۇمىي مەنپەئەت، ئۆز ئىختىيارلىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەرقانداق ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تەكشۈرۈپ تەستىقلانمىغان، قائىدىگە خىلاپ ھالدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ تۈردىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىرى بايقالسا بىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، بىر قىسىم «ساختا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار»، «چېگرا سىرتىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار» پايدا تېپىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرغان ئاتالمىش «خەلقئارا»، «دۇنياۋى»، «بۈيۈك جۇڭخۇا» نامىدىكى پائالىيەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇشتا پاش قىلىش خەت ساندۇقى ۋە تېلېفون نومۇرىنى ئالدىن ئېلان قىلدى ھەم ھەر دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن پاش قىلىش تېلېفونى، خەت ساندۇقى تەسىس قىلىشنى، پاش قىلىش ئۇسۇللىرىنى راۋان قىلىشنى، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى