جىبوبا خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاخىرلاشقان بىر مەيدان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە ئېلىمىز U21 ياشلىقلارنى تاللاش كوماندىسى 1 گە قارشى 2 نەتىجىدە تاجىكىستان كوماندىسىنى يەڭدى.
مۇسابىقە چاڭشا خې لۇڭ تەنتەربىيە زالىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ ئېلىمىز U21 ياشلىقلارنى تاللاش كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىشى ھېسابلىنىدۇ. مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئېلىمىز كوماندىسى 1 گە قارشى 0 نەتىجىدە يېڭىلىپ قالغان بولۇپ، كېيىنكى يېرىم مەيداندا شې ۋىيجۈن بىلەن ۋۇ ۋېي ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، مۇسابىقىدە غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
U21 ياشلىقلارنى تاللاش كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقانلار تىزىملىكى: 30-نومۇرلۇق ماھىر لى جىڭ، 21-نومۇرلۇق ماھىر لى چېڭلۇڭ، 2-نومۇرلۇق ماھىر ئابدۇخەمىت، 5-نومۇرلۇق ماھىر جىن خاۋشياڭ، 13-نومۇرلۇق ماھىر دىلمۇرات، 18-نومۇرلۇق ماھىر سۈن زې، 17-نومۇرلۇق ماھىر جاڭ يۈەن، 19-نومۇرلۇق ماھىر ۋۇ ۋېي، 9-نومۇرلۇق ماھىر گاۋ خۇازې، 7-نومۇرلۇق ماھىر ۋۇ لېي، 11-نومۇرلۇق ماھىر چېڭ زۇخاۋ.
U21 ياشلىقلارنى تاللاش كوماندىسىنىڭ زاپاس ماھىرلار تىزىملىكى: 1-نومۇرلۇق ماھىر فەن جىنمىڭ، 3-نومۇرلۇق ماھىر گو جىڭ، 4-نومۇلۇق ماھىر تۇڭ لېي، 6-نومۇرلۇق ماھىر ليۇ يۆ، 8-نومۇرلۇق ماھىر فەن بوجيەن، 10-نومۇرلۇق ماھىر سۈن ۋىيجې، 12-نومۇرلۇق ماھىر چېن لىمىڭ، 14-نومۇرلۇق ماھىر دىڭ يۈبياۋ، 15-نومۇرلۇق ماھىر زۇ پېڭچاۋ، 25-نومۇرلۇق ماھىر سۇڭ جىن، 28-نومۇرلۇق ماھىر ياڭ شۆي، 29-نومۇرلۇق ماھىر شې ۋىيجۈن.
بۇ مۇسابىقىدىن كېيىن ئېلىمىز U21 ياشلىقلارنى تاللاش كوماندىسى چاڭشادا يەنە سۈرىيە U23 ياشلىقلار كوماندىسى ۋە تايلاند U21 ياشلىقلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.