تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تۇغقىنى بىلەن بىرلىكتە ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش

3-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى يولچى كەنتىدە ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ يولچى كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن پىدائىيلار ئېتىزغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن چۆنەك تارتىش، توپا بوشىتىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللىدى.

    ئۆز مۇخبىرىمىز پاڭ شۆفاڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لى دۇڭمېي، ليۇ خۇڭشيا خەۋىرى، فوتوسى: ھاۋا ئىللىغاندىن كېيىن 73 ياشلىق ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم ئېتىزدا ئۆزىگە ياردەم قىلىۋاتقان تۇغقانلىرىغا سۇ، تاماق توشۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

    ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: «ئۆيدە مەن يالغۇز، 10 مو يەرنى تېرىمسام ئاق قالىدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، تۇغقانلىرىم بىلەن كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋاقتىدا يەر تېرىشىمغا ياردەملەشتى».

    3-ئاينىڭ 18-كۈنى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى يولچى كەنتىدە ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ يولچى كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان كادىرلار بىلەن پىدائىيلار ئېتىزغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن چۆنەك تارتىش، توپا بوشىتىشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللىدى.

    ئابدۇرېشىت بوۋاينىڭ ئېتىزلىقىدا بوۋاينىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى سالامەت ئابلەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» دىكى يەتتە كۈندىن پايدىلىنىپ، بوۋاينىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇسىغا ياردەملەشتى. 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يولچى كەنتىدە قۇياش نۇرى ناھايىتى ئىللىق بولۇپ، باھار تۈسىنى ئالغان ئىدى، سالامەت بىلەن خىزمەتداشلىرى ئېتىزدا يېرىم سائەت ئىشلەپلا تەرگە چۆمدى.

    «چاي ئىچكەچ ئارام ئېلىۋېلىڭلار» ئابدۇرېشىت بوۋاي شۇنداق دېگەچ سوۋۇتۇلغان چاينى سالامەتكە سۇندى.

    سالامەت قولىغا ئىستاكاننى ئېلىۋېتىپ: «بۇ يىل پەيزاۋات قوغۇنى تېرىدۇق، ئىلمىي ئۇسۇلدا تېرىقچىلىق قىلساقلا چوقۇم ياخشى ھوسۇل ئالىمىز» دېدى.

    بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان يەرنىڭ ئۆرۈلۈپ، 2.5 مو يەرگە چىلگە تېرىلغانلىقىنى كۆرگەن ئابدۇرېشىت بوۋاينىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم جىلۋە قىلدى. ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: «مېنىڭ يېقىن تۇغقىنىم، كەنتتە تۇرۇۋاتقان قوشنىلار ھوسۇل ئالغاندا چوقۇم ئۆيۈمگە كېلىڭلار، بىز بىللە پەيزاۋات قوغۇنى يەيمىز».

    سالامەت ئەتىگەن سائەت 11:00 دە ئېتىزغا بېرىپ ئىشلىگىنىچە تا كەچ سائەت 20:00 گىچە ئابدۇرېشىت بوۋاينىڭ ئېتىزلىقىدىن ئايرىلمىدى. چۈنكى بۇ كۈن ئۇ قاتنىشىۋاتقان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» نىڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ، ئەتىسى ئۈرۈمچىگە قايتاتتى. سالامەت مۇنداق دېدى: «مەن كۆپرەك ئىشلەي، تۇغقىنىم ئازراق ئىشلىسۇن. ئەتە ئۈرۈمچىگە قايتساممۇ كەنتتە پىدائىيلار ئەترىتى بار، ئۇلار تۇغقىنىمغا ياردەم قىلىدۇ».

    ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ يولچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى سۈي سەيشيا مۇنداق دېدى: ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى، ئاھالىلەرنىڭ ۋاقتىدا ئۇرۇق سېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ياشلاردىن پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللەپ، دائىمىيلاشقان پىدائىيلار پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنتتىكى قىيىنچىلىقى بارلار، بالا-چاقىسىزلار، مېيىپلەر، بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر قاتارلىق ئەمگەك كۈچى ئاز ئائىلىلەرنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەملىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردى. خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى ۋە ئامما بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، يولچى كەنتىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى