تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

تەتقىقاتچىلار قوڭغۇز قاسرىقىدىن ئادەتتىن تاشقىرى ئاق ئېمال ياساپ چىقتى

    تەتقىقاتچىلار بىر تۈرلۈك ئاق رەڭلىك قوڭغۇزنىڭ قاسرىقىدىن ئىلھام ئېلىپ، دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز، دەرىجىدىن تاشقىرى يېنىك، زەھەرسىز ھەم يېگىلى بولىدىغان يېڭى تىپتىكى ئاق رەڭلىك ئېمال ياساپ چىققان. بۇنىڭ ئاقلىق دەرىجىسى ئادەتتىكى ئاق رەڭلىك قەغەزنىڭ 20 ھەسسىسىگە باراۋەر بولۇپ، گىرىم بۇيۇملىرى، يېمەكلىك، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئېلېكتىر ساھەسىدە ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت: ئاق رەڭلىك قوڭغۇز

    ئەنگلىيە كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، فىنلاندىيە ئالتو ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئامېرىكىنىڭ «ئىلغار ماتېرىيال» ناملىق ژۇرنىلىدا دوكلات بېرىپ مۇنداق دېدى: يېڭى ماتېرىيال ئۆسۈملۈك سېللۇلوزىسىدىن ياسىلىدۇ، ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ئاق ئېمال، مەسىلەن: سىنك ئوكسىد، تىتان دىئوكسىدقا قارىغاندا مۇھىتنى تېخىمۇ ئاسرايدۇ، جانلىق تىرىك توقۇلمىلار بىلەن بولغان ماسلىشىشچانلىقى تېخىمۇ ياخشى. پىگمېنت بىلەن بوياق سۈمۈرۈش ۋە دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئوخشاش بولمىغان نۇرنى قايتۇرۇش ئارقىلىق ئوخشىمىغان رەڭلەرنى ئىپادىلەيدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ياشايدىغان ئاق ماي قوڭغۇزىنىڭ شۇنچىۋالا ئاق بولۇشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدا ئۆزگىچە رەڭ پىگمېنتنىڭ بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بەدىنىنىڭ سىرتقى قىسىمىدا خىتىن ماددىلىق تەڭگىچە ئالاھىدە قۇرۇلمىسىنىڭ بولغانلىقىدىن بولۇپ، بۇ قۇرۇلمىسىنىڭ نۇر چېچىش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. خىتىن ماددىسى ۋە سېللۇلوزىنىڭ ھەر ئىككىلىسى تەبىئىي پولىمېر بولۇپ ، ئالدىنقىسى راك، قىسقۇچپاقا، زەمبۇرۇغلارنىڭ ھۈجەيرە دىۋارىنىڭ ۋە ھاشاراتلارنىڭ سىرتقى ئىسكىلىتىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى، كېيىنكىسى ئۆسۈملۈكلەر ھۈجەيرە پوستىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى.

    تەتقىقاتچىلار تالا ماددىسىنىڭ ئىنچىكە تالاسى – نانومېتىرلىق تالانى خام ئەشيا قىلىپ، ئاق تاشپاقا قاسرىقىنىڭ خىتىن ماددىلىق قۇرۇلمىسىغا تەقلىد قىلىپ، نېپىز ئېمال ماتېرىيالىنى ياساپ چىققان. بۇ خىل ئېمالنىڭ ماتېرىيالى يۇمشاق ھەم جانلىق بولۇپ، قوڭغۇز تەنچىسىگە ئوخشاش ئادەتتىن تاشقىرى نېپىز، قېلىنلىقى ئارانلا نەچچە مىكرو مېتىر كېلىدۇ. ئوخشاش بولمىغان توملۇقتىكى تەڭشەلگەن نانومېتىرلىق تالانىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ماتېرىيالنىڭ سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى