تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ۋوگزالى جەنۇبىي مەيدانىدا تۆت قەۋەتلىك ئاممىۋى قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلىدۇ

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بۇ يىل ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ جەنۇبىي مەيدانىدا تۆت قەۋەتلىك ئاممىۋى قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تاكسى، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكەتلىرى تۇتاشتۇرۇلۇپ، يولۇچىلارنىڭ ئالمىشىپ يولغا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.
  مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنى شەھەر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى-ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قاتنىشى مەبلەغ سېلىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى ۋوگزالى جەنۇبىي مەيدانى ئاممىۋى قاتناش تۈگۈنى قۇرۇلۇش تۈرى ئۈرۈمچى شەھەر قاتنىشىنى ياخشىلاش تۈرى Ⅱ گە تەۋە ئىكەن، ھازىر ئىش باشلاش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئىككى يىلدا تاماملاش پىلانلانغان.
  بۇ شىركەتنىڭ مەيدان، بېكەت قۇرۇلۇش تۈر دىرېكتورى ۋاڭ دۇڭشيۇ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: تۈگۈن بېكەت ئاساسلىق تۆت BRT لېنىيەسى، ئالتە ئادەتتىكى ئاممىۋى قاتناش، ئىككى مېترو لېنىيەسى ھەم باشقا قاتناش قوراللىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، قۇرۇلۇش كۆلىمى 60 مىڭ 617 كۋادرات مېتىر، تۆت قاتلامغا بۆلۈنگەن، «ئىجتىمائىي چوڭ ئاپتوموبىل توختىتىش رايونى، ئاممىۋى قاتناش باش-ئاخىرقى بېكىتى،BRT باش-ئاخىرقى بېكىتى، ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى بىناسى» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، يەر ئاستى ئىككى قەۋىتى، ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋەت ئاپتوموبىل توختىتىش، ئاپتوموبىل ساقلاش رايونى، يەر يۈزى بىر قەۋەت رايونى يولغا چىقىش رايونى ئىكەن.
  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر قاتنىشىنى ياخشىلاش تۈرى Ⅱ دە ئۈرۈمچىنىڭ ئاممىۋى قاتنىشى نۇقتىلىق قاتناش قۇرۇلۇشى يۆنىلىشى قىلىنىپ، ئۈرۈمچىنىڭ قاتنىشى ياخشىلىنىدىكەن، شەھەر بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئاممىۋى قاتناش كارىدورى، شەھەر قاتناش ئۇچۇرىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سۇپىسى، ئاممىۋى قاتناش يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئاپپارات ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ قاتناش تۈگۈن بېكىتى ئاممىۋى قاتناش يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تارماق تۈرىنىڭ بىرى ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى