تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

پەرزەنتىڭىزگە ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنەمسىز؟


ماتېرىيال سۈرەت

    قەدىمدىن تارتىپ: «شەيئىلەر راۋاجلىنىپ چېكىگە يەتكەندە، چوقۇم ئەكسىگە ئۆزگىرىدۇ » دەيدىغان گەپ بار، بۇنى ئاشۇ بالىلىرىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىدىغان كىشىلەرگە تەدبىقلىساق ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلغانلىق بولمايدۇ.

    بالىلارغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۈش ئائىلە تەربىيەسىدە دائىم كۆرۈلىدىغان بىر خىل كېسەللىك، گەرچە بۇ جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئەھۋال ئېلىپ كېلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتنى تېخى تولۇق تونۇپ يەتكىنى يوق.  تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بالىلاردىكى پىسخىك جەھەتتىكى بېشەملىك ئۇلارنىڭ ياش-ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئۆسۈپ يېتىلىشىگە يوشۇرۇن ئاپەت ئېلىپ كېلىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    شىئەن شەھىرى مەلۇم رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان 6 كىشىلىك بۇلاش ۋەقەسىدىكى جاڭ xx شىمالىي سەنشىنىڭ يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بىرلا ئوغۇل بولغاچقا، ئاتا-ئانىسى ۋە تۆت ھەدىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن، ئۇ ئوقۇش مەزگىلىدە، ئېيىغا مىڭ يۈەنگە يېقىن تۇرمۇش پۇلى ئىستېمال قىلغان، سىرتقا چىقسا تاكسىدا ئولتۇرغان، تەتىل مەزگىلىدە يانچۇقىدا پۇل قالمىغاچقا، بۇلاڭچىلىق قىلىش نىيىتىگە كەلگەن، شۇنداق قىلىپ جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالغان، دېمەك، ئائىلىدىكى ھەددىدىن زىيادە ئەركىلىتىش ئۇنىڭدا ناچار تۇرمۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۇنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى نابۇت قىلىشىغا سەۋەب بولغان.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى