تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تاماكىنى كۆپ چېكىش ۋە Ⅱ تىپلىق دىئابېت كېسىلى

 
ماتېرىيال سۈرەت

    «پەن تېخنىكا گېزىتى» خەۋىرى. يېقىندا ئەنگلىيە «سۆگەت يوپۇرماقسىمان ئوپېراتسىيە پىچىقى جامائەت ساقلىقنى ساقلاش ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان جۇڭگودا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،تاماكىنى كۆپ چەككەندە Ⅱ تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرىۋېتىدىكەن.  تەتقىقات ئوبيېكىتلىرى جۇڭگودىكى 10 رايوندىن  كەلگەن، ئاساسىي تەكشۈرۈش قىلغان ۋاقىتتا دىئابېت كېسىلى تارىخى بولمىغانلار 500 مىڭ قورامىغا يەتكەن كىشى  بولۇپ، ئادەتتىكى ئۆلگەنلەرنى مەلۇم قىلىش سىستېمىسى ۋە دوختۇرخانىدا يېتىش خاتىرىسىنى ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئىگەللىگەن. توققۇز يىل  ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق 13500 ئادەمنىڭ يېڭىدىن Ⅱ تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    بۇ تەتقىقاتتا، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى جامائەت ساقلىقىنى ساقلاش ئىنىستىتۇتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ليۇ شىن ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاماكا چېكىش ۋە تاماكا تاشلاشنىڭ دىئابېت كېسىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەھلىل قىلغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، بىرلا ۋاقىتتا يېشى، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئورنى، ھاراق ئىچىش، جىسمانىي ھەرىكەت ۋە بەدەن كۆرسەتكۈچىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەككۈچىلەردە  دىئابېت كېسىلىنىڭ يۈز بېرىش خەۋپى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا %30-%15يۇقىرى چىققان. تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، دىئابېت بولۇش خەۋپى تاماكا چېكىش مىقدارى ۋە تاماكا چېكىشكە باشلىغان ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    تەتقىقاتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چەككەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سالامەتلىك كۆرسەتكۈچى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن تۆۋەن بولىدىكەن، بۇ بەلكىم تاماكا چېكىشنىڭ ئىشتىھانى تۇتۇش ۋە ئاساسىي مېتابولىزم نىسبىتىنى ئۆرلىتىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئېغىر دەرىجىدە تاماكا چېكىدىغانلارنى يېنىك دەرىجىدىكى تاماكا چېكىدىغانلار ياكى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇلار ئاسانلا مەركەز تىپلىق سېمىزلىككە گىرىپتار بولىدىكەن، بۇ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆرلىتىۋېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى