تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنى بەخت ۋە شەرەپتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرەيلى

  «خەلق گېزىتى» باش ماقالىسى

  ئۇلۇغ تارىخنى خەلق ئورتاق يېزىپ چىققان؛ ئۇلۇغ دەۋرنى خەلق ئورتاق ياراتقان؛ ئۇلۇغ ئارزۇنى خەلققە تايىنىپ ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ يېپىلىش يىغىنىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ مىللىي روھىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى چوڭ سىياسەت – فاڭجېنلارنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلققە باغلىغان چوڭقۇر رىشتىسى، دۆلەتكە بولغان قەتئىي ئىشەنچىسى، كەلگۈسىگە بولغان گۈزەل تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق 1 مىلياردتىن ئارتۇق خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىش جاسارىتىنى، ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قىزغىن ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ پارتىيەسىنىڭ، خەلقنىڭ داھىيسىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ساپ قەلبىنى تەنتەنىلىك نامايان قىلدى. خەلق سارىيىنىڭ يىغىن زالىدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى ھەم 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بىپايان زېمىندا ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى يەنە بىر قېتىم مۇجەسسەملەندى.

  5000 يىلدىن ئارتۇق شانلىق مەدەنىيلىككە ئىگە بولغان، 170 يىلدىن ئارتۇق باش ئەگمەي كۈرەش قىلغان، 70 يىلغا يېقىن شەرەپ قۇچقان دۆلەتتە كىم ۋە قانداق روھ مىللەتكە تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى؟ كىم ۋە قانداق روھ دۆلەتنىڭ خەتەر ئىچىدىن قايتا باش كۆتۈرۈشىگە تىرەك بولدى؟ ئۇ دەل ئۇلۇغ خەلق، ئۇلۇغ مىللەت، جۇڭگو خەلقى ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش داۋامىدا يېتىشتۈرگەن، ۋارىسلىق قىلغان، راۋاجلاندۇرغان ئۇلۇغ مىللىي روھ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئۇلۇغ مىللىي روھىمىزنىڭ مول ئىچكى مەنەسى مۇپەسسەل بايان قىلىنىپ، شۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدىكى: خەلق تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەش، ئىجاد قىلىش، كەشىپ قىلىش بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ بۈگۈنكىدەك چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى؛ خەلق كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىش، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن بىزنىڭ بۈگۈنكى ھەممە نەرسىمىزنى ياراتتى؛ خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش، جاپا – مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش بىلەن بۈگۈنكىدەك دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك تەرەققىيات ئۇتۇقلىرىنى ياراتتى؛ خەلق دىلىغا پۈككەن ئارزۇسى يولىدا بوشاشماي ئىزدىنىش بىلەن بىزنى بۈگۈنكى كۈندە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەر قانداق دەۋردىكىدىن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچكە ۋە ئىقتىدارغا ئىگە قىلدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھى ئەۋج ئالدۇرۇلغاچقىلا، بىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەشتىكى كۈچلۈك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە بولدۇق، شۇڭلاشقا تېخىمۇ جۇشقۇن روھىي ھالەت بىلەن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىچىدە قەددىمىزنى تېخىمۇ تىكلىيەلىدۇق.

  خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى، خەلق ھەقىقىي قەھرىمان. دۆلىتىمىزدە بارلىق ھاكىمىيەت خەلققە مەنسۇپ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ‹‹خەلق›› دېگەن سۆز جاراڭلاپ تۇرىدۇ، بۇ مۇھىم سۆزنىڭ سالمىقى زور بولۇپ، كۆكنى لەرزىگە سالىدىغان سادا بىلەن ئۆزگەرمەس ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى، خەلققە بولغان ئۆزگەرمەس رىشتىنى نامايان قىلدى. خەلقنىڭ مەيدانىدا، خەلقنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى قەلبنىڭ تۆرىگە قويۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ ئېتىقادى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزدىكى نىشان. خەلقتىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقتىن ئەقىل – پاراسەت ئالغاندىلا، ئاندىن باتۇرلارچە ئالغا باسىدىغان، تاغنى تالقان قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيادا ئارقىمۇئارقا مۆجىزە يارىتالايمىز. خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، پارتىيەمىز مەڭگۈ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، يېڭى دەۋرگە مەنسۇپ شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە بەخت ۋە شەرەپتىن ئورتاق بەھرىمەن قىلالايدۇ.

  مۇساپە يىراق، كۈرەش يولىمىز ئۇزۇن. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، تېخىمۇ ئۇلۇغۋار مۇساپىگە قەدەم تاشلاشقا باشلىدۇق. يېڭى دەۋر ھەر بىر كىشىگە مەنسۇپ، ھەر بىر كىشى يېڭى دەۋرنىڭ شاھىتى، بەرپا قىلغۇچىسى، قۇرغۇچىسى. بىز تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىشىمىز، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنىڭ ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىشىمىز، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، چاقىرىق كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىشىمىز، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى خەلقنىڭ رېئال تۇرمۇشىدا تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىشىمىز، ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى ۋەتىنىمىز زېمىنىدا تېخىمۇ تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك. خەلق ئىچىدىكى زور كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ نەتىجە يارىتىپ، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابتا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئۆزىمىز ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يولى بىلەن ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرىدىغانلا بولساق، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش قەدىمىنى ھېچقانداق كۈچ توسۇيالمايدۇ.

   قاتمۇقات تاغنىڭ ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ. يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئەمەلىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىغا ئايلاندى. دۆلەتنىڭ مۇشۇنداق رولچىسى، خەلقنىڭ مۇشۇنداق يولباشچىسى بولغاچقا، جۇڭگو خەلقى غەيرەت – جاسارەتكە تولدى، ۋەتەن زېمىنى باھار تۈسىگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتىدە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈللىنىش كەيپىياتى بارلىققا كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، غەيرەت – شىجائەتكە تولۇپ، رولنى مەھكەم تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن جۇڭخۇا پاراخوتىنى دولقۇن يېرىپ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرىلىتىپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىگە غەلىبىلىك يەتكۈزەيلى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 20 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى