تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2018-يىلى ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىن 6928 مەمۇر قوبۇل قىلىدۇ

 

 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى 2018-يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى

  ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، مۇخبىرىمىزنىڭ 2018-يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز جەمئىيەتتىن 6928 مەمۇر قوبۇل قىلىدىكەن. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

  ئىگىلىشىمىزچە، بۇ قېتىملىق يېزىقچە ئىمتىھان 4-ئاينىڭ 21-، 22-كۈنلىرى ئېلىنىپ، يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن. 6-، 7-ئايلاردا سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ۋە يۈزتۇرانە ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن. 7، 8-ئايلاردىن باشلاپ، تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىش، قوبۇل قىلىش ۋە تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇ قېتىملىق مەمۇر قىلىشتا ئاساسىي قاتلامدىكى ناھىيە-يېزا ئورگانلىرىدىكى ئىش ئورنى سانى ئومۇمىي ساننىڭ %80.53ىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئىمتىھان ئارقىلىق مەمۇر قوبۇل قىلىش داۋاملىق ئاساسىي قاتلاملارغا مايىللىشىدىكەن.

  ئىمتىھانغا توردا تىزىملىتىش شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)دا ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش كونكرېتنى ئۇسۇللىرىنى مەزكۇر تور بەتتىكى «تىزىملىتىش باسقۇچلىرى» دىن كۆرۈڭ. خىزمەت ئورنى تىزىملىكى شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى (http://www.xjrsks.com.cn)، شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى (http://www.xjkunlun.cn)، شىنجاڭ ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http:/www.xjirs.gov.cn) دىن تەكشۈرۈڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى