تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

ئەقىللىق ئايال ئائىلىسىنى مۇنداق قوغدايدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەقىللىق ئايال نىكاھتا ئەمەلىيەتچىل بولمىغان خام خىياللارغا بېرىلمەيدۇ، ئۇلار ساغلام ۋە تەمكىن روھىي ھالەتنى ساقلىيالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىكاھقا بولغان تونۇشىمۇ ئايدىڭ بولىدۇ.
    ئەقىللىق ئايال نىكاھقا ساغلام مۇئامىلە قىلىدۇ.

    ئۇلار نىكاھنى تۇتۇپ تۇرالايدىغىنى مېھىر-مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى، ئەمما مۇھەببەتكە زىيادە تايىنىۋېلىشنىڭ ئاقىلانىلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ماددىي شارائىت نىكاھنىڭ ئاساسى، ئەمما بارلىقى ئەمەس. ئەقىللىق ئايال مۇھەببەتنى ماددىي بۇيۇم ئارقىلىق ئۆلچىمەيدۇ. ئۇلار نىكاھنىڭ ھەقىقىي مەناسىنى بىلىدۇ، ئۇلارنىڭ نىكاھتىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشقىمۇ پەمى بار.
    ئەقىللىق ئايال ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئەر بىلەن توي قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ.
   نۇرغۇن ئايال ئەقىللىق ئاياللارغا ئوخشاش بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى خالايدۇ. ئەقىللىق ئاياللار ئۆزىگە جورا ئىزدىگەندە مۇھەببەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، ئەرلەرنى ۋە نىكاھنى پۇل بىلەن دەڭسىمەيدۇ. ئۇلار ئەرلەرنىڭ پەزىلىتى، مىجەز-خاراكتېرىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇنداق ئەر تويدىن كېيىن ئايالىنىڭ مۇھەببىتىنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ، كېيىنچىمۇ ھەرگىز ئايالىدىن يۈز ئۆرىمەيدۇ.
    ئەقىللىق ئايال قارشى تەرەپكە بېسىم ئېلىپ كەلمەيدۇ.
    ئېرىنىڭ خىزمىتى ئۇتۇقلۇق بولسۇن-بولمىسۇن، ئايال ھەمىشە ئۇنى كۈلۈپ كۈتۈۋالىدۇ. ئەقىللىق ئايال ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلىيالايدۇ، پۇلغا چوقۇنمايدۇ. شۇڭا ئېرى ئايالىنىڭ بۇنداق كەڭ قورساقلىقىدىن تەسىرلەنمەي قالمايدۇ.
    ئەقىللىق ئايال سۆيگەن ئادىمىنى قانداق قوللاشنى بىلىدۇ.
    ئۇتۇق قازانغان ئەرنىڭ كۈرەش جەريانى ھەمىشە ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ. ئەقىللىق ئايال ئېرى قانچە قېتىم مەغلۇپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈرلۈك بېسىملارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، ئېرىنى داۋاملىق قوللايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى