تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يايلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: شىنجاڭنىڭ يايلاق ئېكولوگىيەسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. 2017-يىلى شىنجاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى، ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئايرىم-ئايرىم %41.48 ۋە 27.9 سانتىمېتر بولۇپ، يېقىنقى بەش يىلدىكىدىن (2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە) 1.71 پىرسەنت پوئېنت ۋە 2.42 سانتىمېتر ئۆرلىگەن.
    ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2011-يىلى شىنجاڭدا تۇنجى نۆۋەتلىك يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، قۇتقۇزۇش بويىچە مۇكاپاتلاش مېخانىزمى قوزغىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونىدا چارۋا بېقىشنى مەنئىي قىلىش ئارقىلىق قوغداش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، بوغدا كۆلى، نارات، بايىنبۇلاق، قاناس قاتارلىق سەككىز يايلاق مەنزىرىگاھىنىڭ يادرولۇق رايونى سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونى قاتارىغا تىزىلىپ، چارۋا بېقىشنى مەنئىي قىلىش ئارقىلىق قوغداش يولغا قويۇلدى ھەمدە مەخسۇس يولغا قويۇش لايىھەسى تۈزۈلۈپ، ھەر يىلى 75 مىليون يۈەن يايلاشنى مەنئىي قىلىش تولۇقلىما مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.
    يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ «يېشىل سۇ ئامبىرى» دەيدىغان نامى بار بولۇپ، سۇ مەنبەسىنى ساقلاش، كېلىماتنى تەڭشەش رولى بار. ئاپتونوم رايونىمىزدا تەبىئىي يايلاقنىڭ كۆلىمى چوڭ، تارقىلىشى كەڭ، تۈرى كۆپ بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى 18 يايلاق تۈرىدىن شىنجاڭدىلا 11 تۈرى بار.
    2016-يىلى شىنجاڭدا 2-نۆۋەتلىك يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بويىچە تولۇقلىما بېرىش، مۇكاپاتلاش سىياسىتى يولغا قويۇلدى، ئىككى يىل چارۋا بېقىشنى مەنئىي قىلىش ئارقىلىق، نارات قاتارلىق سەككىز يايلاق يادرولۇق رايونىدىكى سۇ مەنبەسىنى قوغداش رايونىدا ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى. چارۋا بېقىش مەنئىي قىلىنغان شۇنداقلا يايلاق بىلەن چارۋا تەڭپۇڭ بولغان كۆلەم 691 مىليون موغا يەتتى.
    مۇنداقچە ئېيتقاندا، ھازىر شىنجاڭدا 150 مىليون 100 مىڭ مو تەبىئىي يايلاقتا چارۋا بېقىش مەنئىي قىلىندى، 540 مىليون 900 مىڭ مو تەبىئىي يايلاقتا يايلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، شىنجاڭنى ئىشلەتكىلى بولىدىغان تەبىئىي يايلاق بىلەن قاپلاش ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى