تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئاددىي سوۋغات ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق

بالىلار كىچىك دوسكىغا يازغان ئارزۇلىرىنى كادىر تاغىلىرىغا كۆرسەتمەكتە.

  ئۆز مۇخبىرىمىز خەۋىرى: باھارنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتېڭىدىكى كادىرلار ئارقا-ئارقىدىن قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئۈچ كەنتىدە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى بۇ قېتىم ئۇلار تۇغقانلىرىغا ئۆزگىچە كىچىك سوۋغات ئالغاچ كەلگەنىدى.

  كىچىك دوسكىغا يېزىلغان چوڭ ئارزۇلار

  3-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتېڭىدىن كەلگەن ۋاڭ ۋېيبىن قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسى يېڭىئاۋات يېزىسى قارا يار كەنتىدىكى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. ئۇ تۇغقىنىنىڭ بالىلىرى ئامىنە بىلەن يۈسۈپكە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ: قاراڭلار، تاغاڭلار سىلەرگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟-دېدى.

  بالىلار ۋاڭ ۋېيبىننىڭ قولىدىكى كىچىك دوسكىنى كۆرۈپ چۇرقىرىشىپ كەتتى ھەمدە خۇشال بولغان ھالدا: رەھمەت تاغا، بىز بۇ سوۋغاتنى بەك ياخشى كۆردۇق،-دېيىشتى.

  ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەن، ۋاڭ ۋېيبىن سەھەر تۇرۇپ قورۇلارنى سۈپۈرمەكچى بولۇپ ئىشىكنى ئېچىپلا ئىشىك ئالدىدا تۇرغان كىچىك دوسكىنى كۆردى. كىچىك دوسكىغا «خەيرلىك ئەتىگەن، تاغا-ھەدىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى. ۋاڭ ۋېيبىن بالىلار يازغان بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدا كۈلۈپ كەتتى.

  كىچك دوسكا بالىلارنىڭ «كانىيى»غا ئايلانغانىدى. ئىلگىرى خىجىللىق سەۋەبىدىن يۈرەكتە ساقلاپ، ئېغىزغا چىقىرالمىغان سۆزلەرنى ئۇلار ئەمدى كىچىك دوسكا ئارقىلىق تاغا-ھەدىلىرىگە ئېيتىدىغان بولدى.

  بۇ ئاددىي سوۋغا كادىرلار بىلەن تۇغقانلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە پىكىرئالماشتۇرۇشتىكى ياخشى قورالغا ئايلانغانىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتېڭىنىڭ كادىرى جياڭ جېنخۇا كىچىك دوسكا توغرىسىدا گەپ بولغاندا : بالىلار دوسكا ئارقىلىق ئۆگىنىش قىلالايدۇ. ھازىر ئۇلار مېنىڭ ئوقۇتقۇچۇمغا ئايلىنىپ قالدى،-دېدى.

  كادىرلار ئۇنى «مېھىر-مۇھەببەت كىچىك دوسكىسى» دەپ ئاتىشاتتى. كىچىك دوسكا دېھقان ئائىلىلىرىدىكى «مېھىر-مۇھەببەت دەرسخانىسى»غا ئايلىنىپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ۋە ئائىلە تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتىكى بىر روجەككە ئايلانغانىدى.

  «يانچۇق كىتابى» ۋە «ئىككى گېزىت» ئاممىنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈلدى

  ئۇلۇغ ۋە چوڭقۇر نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتېڭى ئاز بولمىغان كۈچ چىقاردى. ئاممىنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسان، قولاي بولۇش ئۈچۈن «پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن ئوقۇشلۇق» ناملىق «يانچۇق كىتابى»نى تەييارلاپ تۇغقانلىرىغا تارقىتىپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۇغقانلىرى ئۈچۈن «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئىقتىساد گېزىتى» قاتارلىقلارغا مۇشتەرى بولۇپ بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزدى.

  يانچۇقنى تومپايتىش بىلەن بىرگە، كاللىنىمۇ بىلىم بىلەن تولدۇرۇش كېرەك. «يانچۇق كىتابى» چۈشىنىشلىك، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك. كىشىلەر ھەرۋاقىت كىتاب ئارقىلىق قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، كادىرلارمۇ بۇ كىتابچىنى يېنىدىن ئايرىمايدىغان بولدى. ئۇلار مەيلى قانداق ۋاقىت، قانداق جاي بولسۇن كىتاب ئارقىلىق قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنەلەيتتى، شۇنداقلا ئاممىغا تەشۋىق قىلالايتتى.

  مامۇق كەنتىدىكى تۇرغۇن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: تۇغقىنىم مەن ئۈچۈن «شىنجاڭ گېزىتى»گە مۇشتەرى بولۇپ بەردى. مەن پارتىيەنىڭ ياخشى ئېتىبار سىياسەتلىرىنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىمەن. بۇ يىل ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىش ھېكايىمىزنى «شىنجاڭ گېزىتى» گە چىقىرىشقا تىرىشىمەن.

ۋاڭ ۋېيبىن تۇغقانلىرى بىلەن بىللە گېزىت كۆرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى