شىنلاڭ تورى خەۋىرى: پورتۇگالىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى يىللىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ پۇتبول چولپىنى كىرىستيانو رونالدو پورتۇگالىيەنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبول ماھىرى شەرىپىگە ئېرىشتى.
كىرىستيانو رونالدو پورتۇگالىيەنىڭ 2017-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبول ماھىرى شەرىپىگە ئېرىشتى، ئۇ بۇلتۇر خانلىق مادرىد كوماندىسى ئۈچۈن 42 توپ، پورتۇگالىيە كوماندىسى ئۈچۈن 11 توپ كىرگۈزدى، كىرىستيانو رونالدو بۇ شەرەپكە بۇلتۇرمۇ ئېرىشكەن ئىدى.
بۇنىڭدىن باشقا، موناكو كوماندىسىنىڭ باش ترېنېرى جاردىم يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر باش ترېنېر مۇكاپاتىغا، مۇرىنخو ۋاسكو داگاما مۇكاپاتى، يەنى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.