ئۆز خەۋىرىمىز: 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتى 2018-يىللىق قاتناش ئارقىلىق نامراتلىقتىن يۆلەش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق تەڭشەش يىغىنى ئاچتى. 2020-يىلدىن بۇرۇن، شىنجاڭ قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نىشان قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قالغان بەش كەنتنى قارامايلاشتۇرۇپ، 51 شىتاتلىق كەنتنىڭ يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن. 2018-يىلى 4 يېزا-بازار، 28 شىتاتلىق كەنتنى قاتتىقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2016-، 2017-يىللىرى، شىنجاڭنىڭ قاتناش ئارقىلىق نامراتلىقتىن يۆلەش خىزمىتى كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولۇپ، يېزا يوللىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەبلىغى 13 مىليارد 900 مىليونغا، يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان يوللار 22 مىڭ 489 كىلومېتىرغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت-ئوبلاستنىڭ يېزا يوللىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەبلىغى 5 مىليارد 530 مىليونغا، يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان يوللار 9797 كىلومېتىرغا يەتكەن.
شىنجاڭنىڭ قاتناش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، بۇ يىل يېزا تاشيوللىرى قاتارلىق يەرلىك يوللاردىن 15 مىڭ كىلومېتىرنى ئۆزگەرتىپ ياسايدۇ ياكى يېڭىدىن ياسايدۇ. يېزا تاشيوللىرىنى رېمونت قىلىشتىن باشقا، كەنتلەردىكى مەھەللە يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، 2020-يىلىغا بارغاندا 22 ئېغىر نامرات ناھىيە تەۋەسىدىكى 1962 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ شارائىت ھازىرلانغان ئاساسلىق كەنت يوللىرى، تەبىئىي كەنتنىڭ (20دىن ئارتۇق ئائىلىدىن تەشكىللەنگەن كەنت گۇرۇپپىسى، كىچىك ئەترەتلەر)ئاساسلىق يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە كەنت يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ئېغىر نامرات كەنتلەردىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.