تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى كەسپىي ئورۇنلارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلاردىن 913 ى قوبۇل قىلىنىدۇ

شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 28 كەسپىي ئورۇندىكى 668 ئىش ئورنىغا شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئىختىساسلىق خادىمدىن 913 نى قوبۇل قىلىپ، كەسپىي ئورۇن ئىشتاتىغا كىرگۈزۈش پىلانلاندى.

مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تىزىملىتىش نەق مەيداندا تىزىملىتىش ۋە توردا تىزىملىتىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ھەر بىر ئادەم بىرلا خىزمەت ئورنىغا تىزىملىتالايدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

  شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزىدىغان، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تولۇق كۇرس، ئاسپرانت (ماگىستىر، دوكتۇر) ئوقۇش تارىخىغا ئىگە(نىشانلىق، تەربىيەلەشكە ھاۋالە قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدىكەن. ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى 2017-يىلى پۈتكۈزگەنلەرمۇ تىزىملاتسا بولىدىكەن؛ شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن قوبۇل قىلىنىدىكەن.

  خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، ئىش ئورنى جەدۋىلى، تىزىملىتىش جەدۋىلى قاتارلىقلار شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تىزىملاتقاندا تىزىملىتىش جەدۋىلى، قىسقىچە تەرجىمھالى، ئىشقا ئورۇنلىشىش كېلشىمنامىسى ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسى، نەتىجىسى ۋە تەجرىبىسى قاتارلىقلارنى ئىسپاتلايدىغان ئالاقىدار شەخسىي ماتېرىياللارنى تەمىنلەش زۆرۈر ئىكەن.

 ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى شىنجاڭدا 3-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە زالىنىڭ 6-زالىدا، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا مەكتەپ رايونى ئىستۇدېنتلار پائالىيەت مەركىزىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى زالدا كۆرۈشۈشكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

  تىزىملىتىش ۋە كۆرۈشۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 4-ئايدا ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە ئىچكىرىدىكى بىر قىسىم ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئالىي مەكتەپلەردە يېزىقچە ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرىدىكەن، كونكرېت ۋاقتى، ئورنىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىدىغان بولۇپ، يېزىقچە ئىمتىھان «ئۇنىۋېرسال بىلىم سىنىقى» دىن ئېلىنىدىكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى