شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، 15-نۆۋەتلىك « كەھرىۋا يولى » خەلقئارا كەھرىۋا، ئۈنچە-مەرۋايىت كۆرگەزمىسى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا يېپىلدى. كۆرگەزمىگە نۇرغۇن جۇڭگولۇق چوڭ خېرىدارلار قاتناشقان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمىدىكى قىززىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ مەسئۇلى گۇيدو لۇئىس شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا تونۇشتۇرۇپ : «بۇ يىل كۆزگەزمىگە قاتناشقان 500 نەچچە چوڭ خېرىدارنىڭ ئىچىدە، جۇڭگولۇق سېتىۋالغۇچىلار % 30 تىن ئاشقان، جۇڭگو بازىرى يەنىلا مۇھىم نۇقتا بولغان»دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە چوڭ خېرىدارنىڭ سانى بۇلتۇرقىدىن ئازايغان، بەزى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر كۆرگەزمىنىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى تۆۋەنلەپ كەتكەن دەپ قارىغان. بۇنىڭغا قارىتا، گۇيدو لۇئىس: «ھازىر كەھرىۋا بازىرى بۇرۇنقىدەك ئاۋات بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ھايانكەشلىك قىلمىشىنى بازاردىن قوغلاپ چىقىرىپ، بارا-بارا پىشىپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى»دېگەن.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 4 كۈن داۋاملاشقان بولۇپ، جۇڭگو، لىتۋانىيە، لاتۋىيە، ئېستونىيە، روسيە، پولشا، ئىتالىيە، ئۇكرائىنا، دانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق جايلاردىكى تەخمىنەن 200 كارخانا قاتناشقان.