تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

ئاتا- ئانىلار بىلمىسە بولمايدىغان ئىشلار

ماتېرىيال سۈرەت

    لاياقەتلىك ئاتا- ئانا بولۇشمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئىلىم، پىسىخولوگلارنىڭ سەككىز ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنى تەكشۈرۈش ۋە پەرزەنت تەربىيەلەشتە ئېپى بار ئائىلىلەرنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى تەربىيەلەشتە تۆۋەندىكىلەرنى بىلىشى كېرەك.

   بىرىنچى، بالىڭىزغا چېنىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىڭ. بالىڭىزنى ھەمىشە كىچىك، كۆپ ئىشلارنى قىلالمايدۇ، دەپ قارىماي، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇنى كاللىسىنى ئىشلىتىپ بېقىشقا ئۈندەڭ، شۇنداقلا قىلىپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ، چېنىقىش ئارقىلىق بالىلار ئىشەنچكە ئىگە بولىدۇ، قەيسەر ئىرادە بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ. رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىغا ئىلىم- ھۈنەر ئۆگىتەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا كىچىكىدىن قەيسەر خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. 

   ئىككىنچى،بالىڭىزنى ئايدا بىر قېتىم بولسىمۇ كىتابخانىغا ئاپىرىڭ. مەقسەتلىك ھالدا بالىڭىزغا مۇۋاپىق كىتابلارنى تاللاپ بېرەمسىز؟ بالىدا كىچىكىدىن تارتىپ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، بالىلارنى كېيىن زور نەپكە ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنى ئويناپ، بالىلىرىغا دەرسلىكتىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە ئامراق كېلىدۇ، بىراق بۇ يەنىلا بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، پايدىلىق كىتابلارنى كۆرگەنگە يەتمەيدۇ. ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىشتە. شۇڭا، ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز  بىلەن بىللە كىتاب كۆرۈڭ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى، بالىڭىزغا ئاتاپ گېزىت- ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇڭ. نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار دائىم بالىلىرىغا كىيىم -كېچەك، ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ، ئەمما ئۇلارغا ئاتاپ گېزىت- ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشنى ناھايىتى ئاز ئويلىشىدۇ. ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قىزىقارلىق گېزىت- ژۇرناللارنى ئوقۇش بالىلىق چاغلىرىمىزدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك، ئەڭ بەختلىك ئىش ئىدى. كۆپرەك گېزىت -ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولغاندا، بالىلارنىڭ بىلىمى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىپ بارىدۇ.

   تۆتىنچى، بالىڭىزغا بەزى توسالغۇلارنى يېڭىشنى ئۆگىتىڭ، بالىلارغا ئۆزى قول سېلىپ بەزى كىچىك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنى ئۆگەتكەندە، بالىلاردا مۇستەقىل ئىش قىلىش، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاتا-ئانىلار چوقۇم پاراسەتلىك بولۇشى كېرەك. بالىلارنىڭ ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشىنىڭ كەلگۈسى ھاياتىغا نىسبەتەن مەلۇم پايدىسى بولىدۇ.

   بەشىنچى، بالىڭىزغا جاھاننىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بولىدىغان قىلىپ تەربىيىلەمسىز؟ ئۆيىڭىزدە بىرەر گلوبۇس، دۇنياخەرىتىسى ياكى جۇڭگو خەرىتىسى بارمۇ؟ ھەر قېتىم تېلېۋىزوردىن خەۋەر كۆرگەندە، بالىڭىز بىلەن بىللە خەۋەردە ئېيتىلغان جاينى تېپىپ چىقالامسىز؟ كونىلار «كۆپ ئىزدىنىش جاھاننى كۆپرەك چۈشەنگەن بىلەن باراۋەر » دېگەن. بالىغا جاھاننى كۆپرەك تونۇتقاندا، ئۇ ئۆيدىن چىقمايمۇ جاھاننى «چۈشىنەلەيدىغان » بولىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئالتىنچى، بالىڭىزنى مۇۋاپىق ئۆي ئىشلىرىغا سېلىڭ. نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنى ئاياپ ھەم ئۇلارنى ئوبدان قىلالمايدۇ ، دەپ ئۆي ئىشلىرىغا سالماي «كۆڭۈل قويۇپ كىتاب ئوقۇش »قىلا ئۈندەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاتا- ئانىلارمۇ ھامان قېرىيدۇ، بالىلارنىڭمۇ كېيىن ئۆز ئائىلىسى بولىدۇ، سىز بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە ناھايىتى كۆپ پۇل  تېپىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايسىز. شۇڭا، ھازىردىن باشلاپ بالىڭىزغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى، ئۆي تۇتۇشنى ئۆگىتىڭ.

   يەتىنچى، بالىڭىزنى باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە ئۈندەڭ. بالىدا ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارى ۋە ساپا يېتىلدۈرۈش، ئۇنى باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشكە ئۈندەش تولىمۇ زۆرۈر. ھەرگىزمۇ «ئۆگىنىشكە كاشىلا بولىدۇ » دەپ، ئۇنى دوستلىشىشتىن توسماسلىق، ئۇنىڭ دوستلىرىنى قوپاللىق بىلەن ھەيدىۋەتمەسلىك كېرەك. شۇڭا، بالىڭىزنى مەقسەتلىك ھالدا ھەر خىل شەكىللەر بىلەن جەمئىيەتكە ئارىلىشىشقا يېتەكلىشىڭىز ، ئۇنىڭغا پاراڭلىشىش، خەت يېزىش، بىللە ئويناش دېگەندەك ئارىلىشىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىشىڭىز، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭدا سەمىمىيەت ئېڭى، زامان ئېڭى، دوستلۇق ئېڭى يېتىلدۈرۈشىڭىز لازىم.

ماتېرىيال سۈرەت

     سەككىزىنچى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىڭىز بىلەن پاراڭلشىڭ. نۇرغۇن ئاتا- ئانىلار بالا گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالدى، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بالىغا كۆپ كۆيۈنمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك سىرداشمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن بولىدۇ. مەكتەپتىكى ئوخشىمىغان يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرۈشىمىزچە، ئىنتىزامچان، ئەخلاق- پەزىلەتتە، ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يېتىشتىن بۇرۇن ئاتا- ئانىلىرى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن، ئۇلارغا مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى زوق- شوق بىلەن سۆزلەپ بېرىدىكەن، ئاتا- ئانىلىرىمۇ بېرىلىپ ئاڭلايدىكەن. مېنىڭچە، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن قانچىكى سىرداشسا، بالىلارمۇ ئۇلارنىڭ گېپىنى شۇنچە ئاڭلايدىغان بولىدۇ، شۇڭا، بالىڭىز بىلەن كۆپرەك سىردىشىڭ.

ماتېرىيال سۈرەت

    يۇقىرىقىلارنى قىلىپ كېتەلەمسىز؟ بەلكىم بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئوبدان قىلالىشىڭىز ، بەزىلىرىنى قىلالمايمەن دېيىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما، لاياقەتلىك ئاتا- ئانا بولىمەن، دەيدىكەنسىز، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئوبدان قىلمىسىڭىز بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، يۇقىرىقىلار پەقەت بىر قانچە مۇھىم نۇقتىلا خالاس، قالغان تەرەپلەرنى ئۆزىڭىز بىلەن سىردىشىش جەريانىدا ئاستا- ئاستا چۈشىنىۋېلىشىڭىز ۋە ئىگىلىۋېلىشىڭىز زۆرۈر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى