تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ سېپىدە جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك

  لى پېڭشىن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پارتىيە خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ سېپىدە جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك

  سۈي يۈنيەن، مىلا ئېركىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ پارتىيە خىزمىتى يىغىنى 3–ئاينىڭ 18–كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى، 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە مائارىپنى باشقۇرۇش تۈپ پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  بۇلتۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ۋە مائارىپ سېپىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش–ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ياخشىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، مەكتەپلەرنىڭ سىجىل ئىناقلىقىنى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، مائارىپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. لى پېڭشىن مۇنداق كۆرسەتتى: مائارىپ سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. مائارىپ سىستېمىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇش، تەشكىلىي قۇرۇلۇش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: مائارىپ سىستېمىسى ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا كىرگۈزۈشنى چوڭقۇر، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش›› ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ‹‹ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش›› پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنى يۈكسەك سىياسىي تونۇش، ئىدىيەۋى تونۇش، نەزەرىيەۋى تونۇش، ھېسسىي تونۇشنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، دەرسخانا، ئوقۇتقۇچى، دەرسلىك، تور ۋە مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيە، مەدەنىيەت بازىسىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.

  لى پېڭشىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى مائارىپ سېپىدە باشتىن–ئاخىر جەۋلان قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى