تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

تەڭ بەھرىلەنگىنىمىز تېخنىكا، ئورناتقىنىمىز دوستلۇق

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ما لىيىڭ، جاڭ دۇڭمىن خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 6-كۈنى گو جېنفا تۇرپان شەھىرى ئايدىڭكۆل بازىرىنىڭ جاڭزا كەنتىگە بېرىپ تۇغقىنى ئەركىن تۇرئەلىنى يوقلىدى. ئەركىن تۇرئەلىنىڭ ئۆيىدىكىلەر گو جېنفانى قىزغىن قارشى ئالدى. ئەركىن تۇرئەلى: «گو جېنفا ئاكام بولغاچقا بۇلتۇر بىر يىلدىلا نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدىم» دېدى.

  گو جېنفا 12-دېۋىزىيە 221-تۈەن 4-ليەندىكى «مەشھۇر شەخس». نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ليەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، بۇ تۈەندىكى «ئىلغار ئىشلەپچىقارغۇچى»، «10 مۇنەۋۋەر بېيىش ماھىرى»، «مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى ھەممە ئېتىراپ قىلىدۇ.

  221-تۈەننىڭ 4-ليەنى تۇرپان ئويمانلىقىدا بولۇپ، يازدا ئىسسىق شامال كۆپ چىقىدۇ، قۇم-بوران بىلەن قۇرغاقچىلىق ليەندىكى ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. نامراتلىقتىن تېزرەك قۇتۇلۇش ئۈچۈن 2008-يىلى گو جېنفا پارنىكىدا تاۋۇز مايسىسى يېتىشتۈرۈشكە باشلىغان. دەسلەپتە مايسىنى يېتىشتۈرۈپ ئەي قىلىش نىسبىتى %10 كىلا يەتكەن. ئۇ كۈن بويى پارنىكتا ئىشلەپلا قالماي، بوش ۋاقتى بولسىلا كىتاب كۆرۈپ مايسا يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، تۈەن-مەيداندىكى تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىدىن ئاكتىپ مەسلىھەت سوراپ تۇرغان. ئۈچ يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ئۇ يېتىشتۈرگەن تاۋۇز مايسىلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. ھازىر گو جېنفانىڭ تاۋۇز مايسىسى يېتىشتۈرۈش پارنىكىدىن بەشى بولۇپ، بۇ پارنىكلاردىن كىرىدىغان يىللىق ئومۇمىي كىرىم 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.

  گو جېنفا بېيىغاندىن كېيىن ئەتراپىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ تېرىش-تىكىش تېخنىكىسىنى ئەتراپىدىكى ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىغا بىر-بىرلەپ ئۆگەتتى، ليەندىكى قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەبلىغى يېتىشمىگەندە ئۇلارنى ھەقسىز ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەپ، يۈرەكلىك ھالدا تاۋۇز مايسىسى يېتىشتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  ھازىر گو جېنفانىڭ تۈرتكىسىدە تاۋۇز مايسىسى ئۆستۈرۈش 4-ليەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش كەسپى بولۇپ قالدى. 2017-يىلى ليەندىكى ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ 111 پارنىكىدا تاۋۇز مايسىسى يېتىشتۈرۈشتىنلا ياراتقان ئوتتۇرىچە مەھسۇلات قىممىتى 30 مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  بۇلتۇرنىڭ بېشىدا بۇ تۈەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويدى، گو جېنفا ئايدىڭكۆل بازىرى جاڭزا كەنتى ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنىڭ ئېغىرلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ بىر نەچچە ئائىلىلىك بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى، ئەركىن تۇرئەلى ئائىلىسى بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى ئىدى.

  قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، گو جېنفا ئۆزى يېتىشتۈرگەن 6000 تۈپتىن ئارتۇق تاۋۇز مايسىسىنى ئەركىن تۇرئەلىگە ھەقسىز بەردى ھەمدە دائىم ئەركىننىڭ يېرىگە بېرىپ ئۇنىڭغا تېخنىكا جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلدى. گو جېنفانىڭ ياردىمىدە ئەركىن تۇرئەلى تاۋۇز تېرىشنىڭ ھالقىلىق تېخنىكىلىرىنى تېزلا ئىگىلىۋالدى. 2017-يىلى ئەركىن تۇرئەلى تاۋۇز سېتىپلا 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

  گو جېنفا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئىشلارنى بىز ھەر مىللەت خەلقى قەلبداش بولۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە تاماملىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى