تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سەيلە قىلىش ئاياللاردىكى يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    سەيلە قىلىش ئاددى ھەم يەڭگىل ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇلى. ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئوتتۇر ياشلىق ئاياللار ھەپتىدە ئىككى قېتىم سەيلە قىلىپ بەرسە يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپى ئىككى ھەسسە تۆۋەنلەيدىكەن.  مەزكۇر تەتقىقاتنى ئامېرىكا بروئۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۈرەك كېسىلى ئىلمى مۇتەخەسسىسلىرى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ئۇلار 50 ياشتىن يۇقىرى 89 مىڭ ئوتتۇرا ياشلىق ئايالنى 10 يىلغا يېقىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، سەيلە قىلىشنىڭ يۈرەكنى ئاسراش رولىنىڭ روشەن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە بولغان پايدىسىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە باشقا ھەرىكەت ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

    كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ھەپتىدە بىر قېتىم سەيلە قىلىدىغان ئاياللارنىڭ سەيلە قىلىش ۋاقتى گەرچە قىسقا بولسىمۇ، ئەمما يۈرەك زەئىپلىشىشنى %5 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. سەيلە قىلىش قېتىم سانىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلەيدىكەن، ھەپتىدە ئىككى قېتىم سەيلە قىلغاندا، يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپى %20 تۆۋەنلەيدىكەن. ئەگەر كۈندە سەيلە قىلىپ بەرسە، يۈرەك زەئىپلىشىش نىسبىتى %35 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. بۇلاردىن باشقا، تەتقىقاتچىلارنىڭ يەنە بايقىشىچە، ئەگەر ھەر قېتىملىق سەيلە قىلىش ۋاقتى 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتسە، خانىم- قىزلارنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىشكە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى يەنە %25 تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن. قەدەم سۈرئىتىنىڭ ئاستا ياكى تېز بولىشىمۇ ئوخشىمىغان ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىكەن. 

ماتېرىيال سۈرەت

    يۈرەك پۈتۈن بەدەنگە نورمال قان يەتكۈزۈشنى توختاتقاندا يۈرەك زەئىپلىشىش كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغان بىمارلار پەلەمپەيدىن چىقالمايدۇ، ھاسىراپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ نەپەس يېتىشمەسلىك ئەھۋالى  كۆرۈلىدۇ. يۈرەك زەئىپلىشىشكە گىرىپتار بولغان ئۈچتىن بىر قىسىم  بىمارلار بىر يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ، بۇ كېسەلنىڭ ھايات قىلىش نىسبىتى ھەتتا بەزى راك كېسەللىرىدىنمۇ تۆۋەن.   

   يۈرەك زەئىپلىشىش ھاياتلىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئېغىر كېسەللىك، شۇڭا سەيلە قىلىش يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ، دېگەن بۇ يېڭى بايقاشنىڭ بىز ئۈچۈن ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.  مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ ئاپتورى  سومۋېل لېسلا مۇنداق دېدى: «بىز چېنىقىشنىڭ يۈرەك زەئىپلىشىشنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلدۇق، ئەمما يەنە بەزى ئادەملەر سەيلە قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ قېتىمقى تەتقىقاتتا، ئادەتتە كۆپرەك سەيلە قىلىپ بەرسىمۇ، يۈرەك زەئىپلىشىشنىڭ خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغانلىقى دەلىللەندى. »

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى