تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

100 يىللىق پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر بۇيەرنى گۈزەل رىۋايەتكە ئايلاندۇردى

    پولشانىڭ دابروۋا دېگەن يېرىدە Zalipie دەپ ئاتىلىدىغان يېزا بولۇپ، بۇ يېزىدا نەچچە يۈزلا ئادەم بار، ئەمما بۇ يەر دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر يېزىغا ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بۇ يەردە بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدىغان بولۇپ، كىشىگە ناھايىتى ئازادە تۇيغۇ بېرىدۇ.
 

    يېزىدىكى كىشىلەر ئەمەلىيەتتە رەسىم سىزىشنى ئۆگەنمىگەن. ئۇلار ئىشلىتىدىغان رەسىم قەلىمى كالىنىڭ قۇيرۇق تۈكىدىن، بويىقى ھايۋانلارنىڭ مېيىدىن ياسالغان. ھەربىر ئائىلىنىڭ تېمىغا سىزىلغان رەسىملەر ئوخشىمىغان ئۇسلۇبتا سىزىلغان.

    بۇ يېزىدىكىلەرنىڭ رەسىم سىزىشقا ئىشتىياقى بار بولۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئائىلىسىدىكى ھەممىلا تامغا گۈللەرنى سىزىپ توشقۇزىۋېتىدۇ.

    بۇ ئادەت 100 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئاللىقاچان سىناقلاردىن ئۆتكەن. ھېچكىم كىمنىڭ تامغا تۇنجى بولۇپ رەسىم سىزغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ھەر يىلى گۈل سىزىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ يەردىكى بالىلار، كىچىكىدىن باشلاپلا يېيىش، ئىچىش، ئويناشتىن باشقا يەنە بىر ئىقتىدارنى ئىگىلىگەن ، ئۇ بولسىمۇ تامغا «گۈل سىزىش» تۇر.

     ھازىر بۇ گۈزەل يېزا كىشىلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغان مۇزىيىغا ئايلىنىپ، پولشادىكى ئەڭ جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ساياھەت ئورنى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى