تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان «‏C919‎‏» بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ 7-ئايدا ‏شىنجاڭدا سىناق ئۇچۇشىدىن ئۈمىد بار ‏

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان «C919» بەلگىلىك ئايروپىلان 7-ئايدا تۇرپان ئايرودرومىدا سىناق ئۇچۇشى مۇمكىن. مۇخبىرنىڭ يېقىندا تۇرپان ئايرودرومىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يۇقىرى تېمپۇراتۇرا مەخسۇس سىناق ئۇچۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى تۆت كىشى تۇنجى قېتىم تۇرپان ئايرودرومىغا كېلىپ تەتقىق قىلىدىكەن، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «C919» بەلگىلىك ئايروپىلاننى يۇقىرى تېمپۇراتۇرادا سىناق ئۇچۇرىدىغان ئايرودرومنى تاللايدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ  «C919» بەلگىلىك چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى رەسمىي سىناق ئۇچۇش باسقۇچىغا كىرگەن. بۇ قېتىملىق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق چاڭشا، چۇڭچىڭ، تۇرپان قاتارلىق ئايرودروملاردىن «C919» بەلگىلىك ئايروپىلان سىناق ئۇچۇشقا ماس كېلىدىغان ئايرودروم تاللىنىدۇ. تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تۇرپان ئايرودرومىنى يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا سىناق ئۇچۇش ئايرودرومى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «C919» بەلگىلىك ئايروپىلاننىڭ يۇقىرى تېمپۇراتۇرىدا سىناق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەپ قارىدى.

    جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پۇقرالار ئايروپىلانى سىناق ئۇچۇش مەركىزىدىكى ۋاڭ ئەنگو مۇتەخەسسىس تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئايروپىلان ئىشلىتىلىشتىن بۇرۇن كۆپلەپ تەكشۈرۈلىدۇ، يۇقىرى تېمپۇراتۇرا، تۆۋەن تېمپۇراتۇرادا نۇرغۇن سىناق قىلىنىدۇ، مۇتەخەسسىس گۇرۇپپىسى يەنە چۇڭچىڭ ۋە چاڭشا ئايرودرومىنى تەكشۈرىدۇ، ھازىر تۇرپان ئايرودرومى ھەر جەھەتتىن سىناق ئۇچۇشنىڭ تەلىپىگە ماس كەلدى، ئەگەر ئاخىردا تۇرپان ئايرودرومى بېكىتىلسە، «C919» بەلگىلىك ئايروپىلان 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا يۇقىرى تېمپۇراتۇرادا سىناق ئۇچۇشى مۇمكىن.

    ئىگىلىنىشىچە، «C919» بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى جۇڭگودىكى تۇنجى ئەڭ يېڭى خەلقئارالىق ھاۋا قاتنىشى ئۆلچىمى بويىچە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ قۇراشتۇرغان غول لىنىيەلىك پۇقرالار ئايروپىلانى بولۇپ، 2008-يىلىدىن باشلاپ تەتقىق قىلىنغان. «C919» بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى تولۇق خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، ئاساسىي تىپ ئارىلاش دەرىجىدە 155 ئورۇندۇق، بارلىق ئادەتتىكى بۆلۈمچىگە 169 ئورۇندۇق، يۇقىرى زىچلىقتا 175 ئورۇندۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۆلچەملىك ئۇچۇش مۇساپىسى 4075 كىلومېتىر، ئەڭ يىراق مۇساپىسى 5555 كىلومېتىر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى