تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«دېھقانلار قىرائەتخانىسى» مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە ياردەم بەردى

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى: باي ناھىيەسىدە 135 دېھقانلار قىرائەتخانىسى بولۇپ، ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-بازارلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقىنى كىچىكلىتىپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

   توقسۇن يېزىسىنىڭ كوناشەھەر كەنتىدىكى دېھقانلار قىرائەتخانىسىدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تۈرىدىكى كىتاب، ژۇرناللار كەنت ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. قىرائەتخانا كەنت ئاممىسى تېخنىكا ئۆگىنىدىغان مەكتەپ بولۇپ قالدى. كوناشەھەر كەنتى ئېغىر نامرات كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، كەنت ئاھالىسى مەريەم ئابدۇجېلىلنىڭ ئائىلىسى قىيىنچىلىقى بار ئائىلە. ئۇنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن بۇلتۇر 10-ئايدا ئۇنىڭغا 13 قوي ۋە بىر تۇياق كالا تەقسىم بولغان، ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بولسىمۇ، مەريەم بوش ۋاقىتلاردا دائىم كەنت دېھقانلار قىرائەتخانىسىغا كېلىپ، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پارتىيە-ھۆكۈمەت بىزگە غەمخورلۇق قىلىپ كالا-قوي بەردى، قويلار قوزىلاپ كۆپەيدى، مەن بوش ۋاقىت بولسىلا كەنت قىرائەتخانىسىغا كېلىپ، كالا، قوي باقمىچىلىقىغا ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، باقمىچىلىققا ئائىت نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگىلىۋالدىم.»

   كەنتتىكى دېھقانلار قىرائەتخانىسى پۈتۈن كۈن كەنت ئاممىسى ئۈچۈن ھەقسىز ئېچىۋىتىلىدىغان بولۇپ، كىتابلار تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، باشقۇرۇش، داۋالاش، تىل-يېزىق قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. كەنت ئاممىسى دېھقانلار قىرائەتخانىسىدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن سىرت، يەنە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنىدۇ، رىزۋانگۈل راخمان شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئۆگىنەلەيمىز، كالا، قوي بېقىش يەنە ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىلىرىدىن خەۋەردار بولالايمىز.  دۆلەت تىلى ئۆگەنسەك سىرتقا چىقىپ خىزمەت تېپىشتا قولايلىق بولىدىكەن. تۈرلۈك باقمىچىلىق، تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەنسەك، يەرلىرىمىز، كالا-قويلىرىمىز بىزنى ئۈمىدسىز قويمايدىكەن، تۇرمۇشىمىز كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، تىرىشقاندىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، مەن ئۇزۇنغا قالماي نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كېتىدىغىنىمىزغا ئىشىنىمەن.»

   بۇ ناھىيە يېقىنقى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان ھەر مىللەت دېھقان-چارۋىچى ئاممىسىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئاڭلاپ، ئاندىن كىتاب تەقسىملەپ بېرىشتەك يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ھازىرغىچە ناھىيە بويىچە دېھقانلار قىرائەتخانىسى ۋە «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى»دا ساقلىنىۋاتقان كىتابلار 783 مىڭ نۇسخا بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنى كۈچلۈك مەدەنىيەت ئاساسى بىلەن تەمىن ئەتتى.   

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى