تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، يېرى تېخىمۇ يېشىل، سۈيى تېخىمۇ سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرىمىز

  — ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرمىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

  ليۇ دۇڭلەي،چېن چياڭۋېي

  3 – ئاينىڭ 5 – كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى ـــــ

    ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بېيجىڭ – تيەنجىن قۇم – بوران مەنبەسىنى تۈزەش، ‹‹ئۈچ شىمال›› ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، سۇ ۋە تۇپراقنى ساقلاش قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇشنى ئىنچىكە تەشكىللەپ، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، چارۋا بېقىشنى چەكلەش، چارۋا بېقىشنى توختىتىپ تۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، خۇلۇننۇر كۆلى، ئۇلانسۇخا، دەيخەي قاتارلىقلارنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېزلىتىپ، چۆللىشىشنى تۈزەش ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي رايونىدا 10 مىڭ چاقىرىملىق يېشىل سەددىچىن سېپىلى بەرپا قىلىش كېرەك.

  باش شۇجىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭنىڭ سۈزۈك سۈيى، كۆك ئاسمىنىنى ئورتاق ياخشى قوغداش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۇلار باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى نىياز ھاشىم 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم، بۇ تەلەپ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىگىلا قارىتىلغان بولماستىن، ئوخشاشلا شىنجاڭغىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئاقسۇ ۋىلايىتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشى – يامان بولۇشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئاقسۇ تىلغا ئېلىنسا، مەشھۇر ‹‹كۆكيار چۆللىشىشنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى››نى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: بۇ، 30 نەچچە يىل داۋاملاشقان چۆل – باياۋاننى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى. ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۈزلۈكسىز كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش ئارقىلىق، چۆللىشىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلەپ، قۇم – بوران مەنبەسىنى توسۇپلا قالماستىن، يەنە دۆلەت ئىچىگە داڭلىق باغۋەنچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن ئىدىيەنىڭ جانلىق مىسالى.

  نىياز ھاشىم مۇنداق دېدى: بىز ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ پايدىسىنى كۆردۇق. كۆپ يىل كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىش، چۆللىشىشنى تۈزەش قاتارلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، قۇم – بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈنەرلىك ئازايدى، ھۆل – يېغىن مىقدارى، ياخشى ھاۋارايى كۈن سانى كۆپەيدى، بولۇپمۇ ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تۇرسۇن توختى 3 – ئاينىڭ 17 – كۈنى مۇنداق دېدى: باش شۇجى چۆللىشىشنى تۈزەشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ، ئىچكى موڭغۇلغا قويۇلغان تەلەپ بولۇپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭغىمۇ قويۇلغان تەلەپ. 2014 – يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قەدىمىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى، ‹‹ئۈچ شىمال›› ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشى، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى، تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى، سۇ، تۇپراقنى ساقلاش ۋە كىچىك ھەۋزىلەرنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش قۇرۇلۇشى قاتارلىق دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلىرىغا تايىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 28 مىليون 449 مىڭ 600 مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى تاماملىدى.

  تۇرسۇن توختى مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۆلكە – ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم رايوندىكىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، قۇم – بوران نۇقتىلىق تىزگىنلىنىدىغان رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، ئاھالىنىڭ ياشاش مۇھىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، قۇم – بوراننىڭ زىيىنى تەدرىجىي ئازايتىلدى، تۇپراقنىڭ قۇملىشىشىنىڭ كېڭىيىش ۋەزىيىتى دەسلەپكى قەدەمدە تىزگىنلەندى. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز.

   يۇرت – ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈپ، تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلايمىز

  11 –، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ماناس ناھىيەلىك ‹‹يىشىن›› مېۋە – چېۋە كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ياڭ چىن 3 – ئاينىڭ 16 – كۈنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى ئەزالارغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى. ياڭ چىن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى مېنى بەكلا تەسىرلەندۈردى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ بىر قانچە يىلدا ئاپتونوم رايونلۇق ۋە مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ماناس دەريا ھەۋزىسى ۋە ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئۇنى ئېچىش، پايدىلىنىش خىزمىتى توغرىسىدا تەكلىپ – تەۋسىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، تەكلىپ – تەۋسىيەلىرىمنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيلەشتى.

  ياڭ چىن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، ماناس دەرياسى بويىنى داۋاملىق تۈزەپ، تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، سۇلۇق يەرلەرنى تۈزىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى. 2016 – يىلى ماناس دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى رەسمىي تەستىقلىنىپ ۋىۋىسكا ئېسىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلاندى، ھاۋامۇ ياخشىلاندى، ماناسقا ساياھەتكە كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتى تۈرلۈك ئۇچۇرنى يېزىلارغا ئېلىپ كەلدى. ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ زەمبۇرۇغ ماتېرىيالى، گىلاس قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىۋاتىدۇ.

  تارىم دەرياسى ھەۋزىسى غول ئېقىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەكرەم ئابلا 3 – ئاينىڭ 9 – كۈنى مۇنداق دېدى: باش شۇجى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن مەن بەكلا تەسىرلەندىم. تارىم دەرياسى ھەۋزىسى غول ئېقىنىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ھازىر زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، يۇرت – ماكانىمىز گۈزەللەشسە تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

  ئەكرەم ئابلا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون 2000 – يىلىدىن باشلاپ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بەردى، 2017 – يىلىغىچە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 18 قېتىمدا 7 مىليارد 15 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىلدى. بۇ يىل 2 – ئاينىڭ 27 – كۈنى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 19 – قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىشنىڭ 1 – باسقۇچى رەسمىي باشلاندى، سۇ يەتتە كۈندىلا ئاخىرقى نۇقتىسى ــــ تېتىما كۆلىگە يېتىپ بېرىپ، ئەڭ ئاز سۇنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئاخىرقى نۇقتا تېتىما كۆلىگە يەتكۈزۈش رېكورتى بۇزۇپ تاشلاندى.

  ئەكرەم ئابلا مۇنداق دېدى: بىز كېيىنكى قەدەمدە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى دەريانى بويلاپ ئىككى قىرغاقتىكى ئېكولوگىيەلىك توغانلارنى داۋاملىق ئېچىپ، تارماق ئېقىنلارنى ئېچىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىشنىڭ توغرا يۆنىلىشلىك سۇ يۈزى كۆلىمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتىمىز. بىز ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى ئاسرايمىز.

  ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يېشىل سەددىچىن بەرپا قىلىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى دەريا باشلىقى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ خۇڭشياڭ 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى مېنىڭ دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ئىشەنچەمنى تېخىمۇ ئاشۇردى. باش شۇجى تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاقنى تۈزەشنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنىڭ شىنجاڭدا يولغا قويۇلۇشى دەل بۇ تەلەپنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ئۆتكەن بىر يىلدا، شىنجاڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت – ئوبلاست – شەھەر، ناھىيە – شەھەر – رايون ۋە يېزا – بازاردىن ئىبارەت تۆت دەرىجە بويىچە دەريا باشلىقى خىزمىتى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دەريا (كۆل)باشلىقى تۈزۈمى خىزمىتىنىڭ نىشان – ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن، تۆت دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3481 دەريانىڭ ھەممىسى دەرىجە، بۆلەككە بۆلۈنۈپ، دەريا باشلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ھەر دەرىجىلىك دەريا باشلىقىدىن 6059 ى سەپلىنىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەممە دەريانىڭ دەريا باشلىقى بار بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆلىمى بىر كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان كۆللەردە 66 كۆل باشلىقى تەسىس قىلىندى. ليۇ خۇڭشياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر يىلدا، بىز دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سۇ بايلىقى مەنبەلىرىنى قوغداش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.

  غۇلجا شەھىرى شىنجاڭ ‹‹يېڭى ئېرا›› دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى چياڭرۇ 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى تۈرلۈك تىرىشچانلىق ئارقىلىق، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي رايونىدا 10 مىڭ چاقىرىملىق يېشىل سەددىچىن بەرپا قىلىمىز، دېدى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىشى نەتىجىسىدە، كارخانىمىزنىڭ ئورگانىك يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش يولى تېخىمۇ كېڭەيدى.

   لى چياڭرۇ كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى: بىز بۇ يولدا داۋاملىق ماڭىمىز. مەيلى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشتا بولسۇن، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە بولسۇن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتە بولسۇن، مىسلى كۆرۈلمىگەن پۇرسەتكە دۇچ كەلدۇق، گەرچە جاپالىق بولسىمۇ، بۇ يېڭى دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويساق بولمايدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.