تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ كوماندىسى CBA نىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يەڭدى

  ئۆز مۇخبىرىمىز فەن گوبىن خەۋىرى: 3-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول كەسپىي بىرلەشمە مۇسابىقىسى (CBA) چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ 3-مەيدان مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 92 گە قارشى 95 نەتىجىدە گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، ئومۇمىي نەتىجىنى 2 گە قارشى 1 قىلىپ ئۆزگەرتتى.
  شىنجاڭ كوماندىسىدىن بلاتچې 26 نومۇر، گاردىن قايتقان 16 توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، ئادامس 26 نومۇر، گاردىن قايتقان بەش توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، يۈ چاڭدۇڭ 16 نومۇر، گاردىن قايتقان ئۈچ توپ ئالدى، شىرئەلىجان سەككىز نومۇر، گاردىن قايتقان تۆت توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى.
  گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن يى جيەنليەن 22 نومۇر، گاردىن قايتقان 14 توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، جوۋ پېڭ 10 نومۇر، گاردىن قايتقان ئۈچ توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، سلوئان 15 نومۇر، گاردىن قايتقان يەتتە توپ ئېلىپ، تۆت قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، نىكولسون 23 نومۇر، گاردىن قايتقان توققۇز توپ ئېلىپ، ئىككى قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى، خۇ مىڭشۈەن 13 نومۇر، گاردىن قايتقان ئىككى توپ ئېلىپ، ئۈچ قېتىم ياردەمچى ھۇجۇم قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى