تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى7–ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

  گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملار قارار قىلىندى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ تەيىنلىدى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى. 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنى 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 7 – ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنى قارار قىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 – نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، قۇرۇلتاينىڭ قارارىغا ئاساسەن، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ماقۇللانغان گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملارنى تەيىنلىدى.

  يىغىن گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خېنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولۇشى، ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجىنىڭ دۆلەت كومىسسارى بولۇشىنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2980 كىشى، قاتناشقانلار 2969 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 11 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىنغا قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى چېن جۇ رىياسەتچىلىك قىلدى. قۇرۇلتاينىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن لى يۈمېي، لى جىنبىن، چېن چۈەنگو، چېن چيۇفا، چېن خاۋ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىلىرى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلارنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتىنى قارار قىلىش؛ 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت – سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، جۇڭگو چياۋمىنلىرى كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى لايىھەسىنى ئايرىم – ئايرىم ئاۋازغا قويۇش.

  يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ گوۋۇيۈەن تەركىبىدىكى باشقا خادىملار نامزاتىنى كۆرسىتىش خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

  بېلەت تولدۇرۇش، بېلەت تاشلاش، بېلەت ھېسابلاش ئارقىلىق، سائەت 9 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە رىياسەتچى: يولداش خەن جېڭ، سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خېنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بولغانلىقىنى؛ يولداش ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجىنىڭ دۆلەت كومىسسارى بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

  رىياسەتچى يەنە گوۋۇيۈەننىڭ باش كاتىپى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرىنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش ئىسىملىكىنى جاكارلىدى.

  13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ئون مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئىسىملىكى 3 – ئاينىڭ 13 – كۈنى 4 – ئومۇمىي يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان. باشقا سەككىز مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر نامزاتىنى ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى غۇلغۇلا قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىش پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى بۇ سەككىز مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئىسىملىكى لايىھەسىنى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئاۋازغا قويۇشقا سۇنۇشنى قارار قىلدى.

  مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنى ئاۋازغا قويۇش چارىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاۋاز بېرىشتە يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، سەككىز مەخسۇس كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ئىسىملىكى ئايرىم – ئايرىم ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  تۈرلۈك ئىسىملىكلەر ماقۇللانغاندا، يىغىن مەيدانىدا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

   قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىشنى تەشكىللەش چارىسىگە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، دۆلەت كومىسسارلىرى، باش كاتىپى، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتى تەركىبىدىكى خادىملار، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرىنىڭ مىنىستىرلىرى، كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى، باش مۇپەتتىش ئايرىم – ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ قەسەم بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.