تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى پۇتىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى رۇسىيەنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى پۇتىنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

     شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رۇسىيە خەلقى بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردا مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. رۇسىيەنىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى شان – شەرەپ قۇچىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھازىر جۇڭگو – رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل – ھەققانىي، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەت ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو – رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە يېڭى پەللىگە چىقىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.