تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «بېيجىڭ دەۋرى» گە قەدەم قويدى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: 12-نۆۋەتلىك مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ پيوڭچاڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە يېپىلدى. جۇڭگو بېيجىڭ كېلەر نۆۋەتلىك مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان ساھىبخان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېپىلىش مۇراسىمىدا خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى ۋە «2020 مەن ئۇچىمەن» تېمىسىدا سەنئەت نومۇرى ئورۇنداپ، پۈتۈن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم سەمىمىي تەكلىپ ئەۋەتتى.

    3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يېپىلىش مۇراسىمىدا بىرمۇ بوش ئورۇن قالمىغان ئىدى، نەق مەيداندا «بىز دۇنيانى ھەرىكەتلەندۈرىمىز» تېمىسىدا نومۇرلار ئورۇندالدى. 10 كۈنلۈك جىددىي مۇسابىقىدە مېيىپ تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقە تۈرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزىدىن ھالقىپ، تىرىشچانلىقى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا مېيىپلەر قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ روھىنى نامايان قىلدى.

    بېيجىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى، بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى چېن جىنىڭ خەلقئارا مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارسونسنىڭ قولىدىن مېيىپلەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بايرىقىنى ئۆتكۈزىۋالدى، بۇ مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «بېيجىڭ دەۋرى» گە قەدىم قويغانلىقىدىن دېرەك بەردى، پۈتۈن مەيدان قىزغىن ئالقىش سادالىرى بىلەن تەبرىكلىدى. نەق مەيداندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ئورۇندالدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق چىقىرىلدى.

    ئارقىدىنلا بېيجىڭ سەنئەت نومۇرى باشلاندى. نەق مەيداندىكى چوڭ ئېكراندا بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىزنىكى «ھالقىش» قىسقا فىلىمى قويۇلۇپ، مېيىپلەرنىڭ قەيسەر روھنى ئۆزلىرىگە قانات قىلىپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەر مەيدانىدا ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقى نامايان قىلىندى.

    باش تېما ناخشا «مەن ئۇچىمەن» قويۇلىشى بىلەن بىرگە، ئېلىمىز مېيىپلەر سەنئەت ئۆمىكىدىكى ئاڭلاش توسالغۇسى بار  ئارتىسلار نومۇر ئورۇندىدى. جاڭ يىموۋ رېژىسسورلىقىدىكى بۇ نومۇر يەنە بىر قېتىم پۈتۈن دۇنيانى 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۇچرىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

    سەھنىدە، ئاڭلاش توسالغۇسى بار ئارتىس قىزلار گۈزەل ئۇسسۇل ھەرىكىتىنى يۇقىرى تېخنىكا ئ.ۈنۈملىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مېيىپ قىزلارنىڭ بەل قويىۋەتمەي، ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىنى ئىپادىلىدى ۋە بۇ نومۇرنى مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى باتۇر تەنھەرىكەتچىلەرگە ھەدىيە قىلىپ، بەدىنى مېيىپ بولسىمۇ ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەن، قانىتى سۇنسىمۇ، قەلبى پەرۋاز قىلغانلىقىنى مەدھىيلىدى.

    2015-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى، جاڭ جياكۇ شەھىرى 2022-يىلى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان ھوقوقنى قولغا كەلتۈرگەنىدى. مەشئەل ئوتىنىڭ ئۆچۈشى بىلەن، پيوڭچاڭ مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن خوشلاشتى. 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۇچرىشايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى