تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

بەختلىك ئائىلىدە بولۇشقا تېگىشلىك بەش مالىيە پىلانى

    ياخشى مالىيە پىلانى ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، بەختلىك نىكاھنىڭ قالقىنى بولالايدۇ.
    1.ئەر-خوتۇن قىممەت قارىشى ۋە پۇل قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.
    ئەر-خوتۇن پۇل توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشنى ئازايتىش ئۈچۈن، قىممەت قارىشى ۋە پۇل قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، زور ئىختىلاپ بار مەسىلىلەردە كۆپ پىكىر ئالماشتۇرۇشى كېرەك. قىممەت قارىشى ۋە پۇل قارىشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئاساسىدا ئائىلە مالىيە پىلانى تۈزۈلسە تالاش-تارتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    2.  ئائىلە ھېساباتى تەسىس قىلىپ، ئائىلىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش كېرەك.
    تويدىن كېيىن ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن پۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىدۇ، خاتىرە تۇتمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن پۇل توغرىسىدا ماجىرا يۈز بەرسە چۈشەندۈرۈش تەسكە توختايدۇ. قېرىنداشلار ئارا ئېنىق ھېسابات بولۇشى كېرەك بولغىنىدەك، ئەر-خوتۇنمۇ چىقىمنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك، بۇ ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە ئىشەنمىگەنلىك ئەمەس. شۇڭا ئائىلە ھېسابات نومۇرىنى تەڭ باشقۇرۇپ، ئائىلىنىڭ كۈندىلىك چىقىمىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش لازىم.

    3. ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئۆزلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرىنى ساقلاپ قېلىپ، قارشى تەرەپنىڭ كىرىم-چىقىمىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك.
    ئائىلە ھېسابات نومۇرى تۇرغۇزۇش ئاساسىدا، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ئۆزلىرىنىڭ چىقىم قىلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىپ، شەخسىي ھېسابات نومۇرىغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك. بۇ، يېقىمسىز بىلىنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شەخسىي مەخپىيەتلىك ۋە ئەركىنلىكنى قوغدىغانلىق. نىكاھ پۇلنى پۈتۈنلەي ھەمبەھىرلىنىش دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆز ھېسابات نومۇرىنى ساقلاپ قالغاندا قارشى تەرەپكە سوۋغات ئېلىپ، كۈتۈلمىگەن خۇشاللىق بەرگىلى بولىدۇ.
    4.سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتۇپ، ئائىلە ئامانەت پۇلى پىلانى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.
    تۇرمۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇ كەلگۈچە تۇغان تۇتۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئائىلە ئامانەت پۇلى پىلانى تۈزۈش، پۇلنى بۇزۇپ-چاچماسلىق كېرەك. دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇرغان تۇغۇت پۇلى، بالا بېقىش خىراجىتى قاتارلىق ئۇشتۇمتۇت چىقىملارغا پۇختا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، كۈندىلىك ھېساباتنى ئىنچىكە ئويلىشىپ، بەلگىلىك پۇل تەييارلاپ قويۇش لازىم.
    5.ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، تۇغقانلىرىغا چېتىلىدىغان چىقىملارنى يوشۇرماسلىق، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك.
    بەزى ئەر-خوتۇنلارنىڭ «كىچىك خەزىنە» سى بولىدۇ، شۇڭا ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە پۇل لازىم بولسا قارشى تەرەپتىن يوشۇرىدۇ، بۇ، ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرە، قارشى تەرەپكە ئېنىق ئېيتىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش كېرەك. بۇ، نىكاھقا بولغان ھۆرمەت بولۇپلا قالماي، قارشى تەرەپكە بولغان سۆيگۈنىڭ ئىپادىسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى