تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھاراق- تاماكا كېكىردەك راكىنى پەيدا قىلىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ھاراق- تاماكىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆپكە راكى ۋە جىگەر راكىنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى بويۇن تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جۇ شياۋخۇڭ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەتتە تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشنىڭ كېكىردەك راكىغا گىرىپتار قىلىش نىسبىتى 10-20 ھەسسە يۇقىرى. ليۇ ئەپەندى بۇ يىل 45 ياش، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان، سالامەتلىكى ئىزچىل ياخشى، لېكىن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئادەتتە تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىشتىن خالى بولالمىغان. شۇڭا ئۇزۇن ئۆتمەي سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان، ئۇ دائىم كېكىردىكىنى بىئارام بولىۋاتقاندەك ھېس قالغان. ئاخىرى كېكىردىكى قاتتىق ئاغرىپ ئۈنى پۈتۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا كېلىپ كېكىردەك ئەينىكى ۋە تىرىك توقۇلما تەكشۈرتۈشى قىلغان، نەتىجىدە كېكىردەك راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. بەختكە يارىشا بالدۇر بايقىغاچقا، كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقان.

ماتېرىيال سۈرەت

    چۇڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى بويۇن تاشقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى خې يۈن مۇنداق دېدى: كېكىردەك راكى ئادەتتە 40 ياشتىن ئاشقان ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان ئەرلەردە كۆپرەك كۆرۈلىدىكەن، %90تىن ئارتۇق بىماردا تاماكا چېكىش ، ھاراق ئىچىش ئادىتى بار، بولۇپمۇ ئۇزۇن ۋاقىت تاماكا چەككەنلەرنىڭ كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. تاماكا چەككەن ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، خەۋپىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن.

    ئىسپرتنىڭ غىدىقلىشىمۇ كېكىردەك راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ھاراق ئىچىدىغانلارنىڭ كېكىردەك راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ھاراق ئىچمەيدىغانلارغا قارىغاندا 1.5-4.4 ھەسسىگىچە يۇقىرى بولىدىكەن. ھاۋا بۇلغىنىشى، كەسپىي ئامىللار، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش، رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچرىشىش قاتارلىق ئامىللار كېكىردەك راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. كېكىردەك راكىغا ئاياللارغا قارىغاندا ئەرلەر كۆپرەك گىرىپتار بولىدىكەن . تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كېكىردەك راكى بىمارلىرىنىڭ ئۇرۇقدان سەۋىيەسى ئادەتتىكى ئادەملەردىن يۇقىرى ئىكەن، ئۆسمىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇرۇقدان سەۋىيەسى روشەن تۆۋەنلەيدىكەن، بۇ كېكىردەك راكى قوزغىلىشىنىڭ جىنسىي ھورمون بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

     كېكىردەك راكىنى ئەگەر بالدۇر بايقاپ، مۇنتىزىم داۋالاش قىلسا ياشاش نىسبىتىنى%80 ئۇزارتقىلى بولىدىكەن. جاھىل خاراكتېرلىك ئاۋاز بوغۇلۇش، يۇتقۇنچاقتا يات ماددا باردەك ھېس قىلسا ھەمدە ئاغرىسا، يۆتەل، بەلغەم قان ئارىلاش كەلسە، نەپەسلىنىش قىيىنلاشسا، بويۇن لىمفا تۈگۈنى ئىششىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، كېچىكتۈرمەي داۋالاش كېرەك. كېكىردەك راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تاماكا تاشلاش، يېمەك – ئىچمەكتە ئاچچىق، غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ئازايتىش، قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ليۇ ئەپەندىگە ئوخشاش 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر كېكىردەك ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، ياخشىسى يېرىم يىلدا بىر قېتىم كېكىردەك ئەينىكى تەكشۈرۈشى قىلىشى كېرەك.

ماتېرىيال سۈرەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى