تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە كۆكتات تەقسىملەش مەركىزىدىن يەنە بىرى كۆپەيدى

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى شىمالىي شەھەر رايونى غول يولى شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا يەنە بىر كۆكتات تەقسىملەش مەركىزى قۇرۇلدى. بۇ تەقسىملەش مەركىزى ئاساسلىق يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) دىكى 76 كۆكتات بىۋاستە سېتىش نۇقتىسى، ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدىكى بىر قىسىم كۆكتات بىۋاستە سېتىش نۇقتىلىرى ھەمدە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى تاللا بازارلىرىغا كۆكتات تەقسىملەيدۇ.
  3-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 6:00 دە شىنليەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى «يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىك تەقسىملەش مەركىزى» دېگەن چىراغلىق ۋىۋىسكا ئېسىلغان ئامباردىكىلەر ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. كۆكتات بىۋاستە سېتىش ئورنى خوجايىنلىرى كۆكتات تاللاۋاتقان بولۇپ، لىق كۆكتات قاچىلانغان ھارۋىلار كىرىپ-چىقىۋاتاتتى.
  مۇخبىر تەقسىملەش مەركىزىگە كىرىۋاتقان بىۋاستە سېتىش ئورنى خوجايىنلىرىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال كۆكتات تاللايدىغان بىر تالونغا شۇ كۈنى لازىملىق كۆكتاتلارغا بەلگە ئۇرغانلىقىنى، ئاندىن مال تەقسىملىگۈچىنىڭ تالونغا ئاساسەن «كۆكتاتلارنى تاللاپ» نەق مەيداندا ئۆلچىگەن ئېغىرلىقىنى كۆكتات تىزىملىكىنىڭ كەينىدىكى كاتەكچىگە تولدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. بىۋاستە سېتىش ئورۇنلىرىنىڭ خوجايىنلىرى تالوننى ئېلىپ ھېسابات قىلىۋاتقان بولۇپ، تاللانغان كۆكتاتلار دۇكان خوجايىنلىرىنىڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا يەتكۈزۈلۈۋاتاتتى.
  تەقسىملەش مەركىزى بىۋاستە سېتىش نۇقتىسىدىكى دۇكانلارنىڭ ۋاقتىنى تېجەپ بەردى، ئىلگىرى دۇكان خوجايىنلىرى كۆكتات تاللىغاندا بىر-بىرلەپ كىرىپ باھانى سوراپ سېلىشتۇراتتى، دائىم سەھەر سائەت ئالتىدىن توققۇزغىچە ئالدىراش بولاتتى، ھازىر بىر سائەتتىلا ئاخىرلىشىدىغان بولدى.
  يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) كۆكتات تەقسىملەش مەركىزى بۇ يىل چاغاندىن كېيىن رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. تەقسىملەش كارخانىسى-ئۈرۈمچى يىمىن جيۇتيەن سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى شياڭياڭ مۇنداق دېدى: تەقسىملەش مەركىزىنىڭ كۈندىلىك كۆكتات تەقسىملەش ئىقتىدارى 900 توننىغا يېتىدۇ، ئاساسلىق 40 خىل كۆكتات ۋە 10 نەچچە خىل مېۋىنى تەقسىملەيدۇ.
  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) كۆكتات قوشۇمچە يېمەكلىك تەقسىملەش مەركىزىلا ئەمەس، شەھىرىمىزنىڭ بۇلاقتاغ رايونى ۋە جەنۇبىي شەھەر رايونىدىكى ساڭفاڭگۇدىمۇ بىردىن كۆكتات تەقسىملەش مەركىزى بار ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ يىللىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجى 730 مىڭ توننا، كۈندىلىك كۆكتات ئېھتىياجى 2000 توننىدىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى