تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېزىلاردىكى كۆمۈر يېقىلغۇسىنى گاز يېقىلغۇسى، ئېلېكتر يېقىلغۇسىغا ئۆزگەرتىشنى ‏قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ‏

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3-ئاينىڭ 19-كۈنى تېلېگراممىسى. يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرى لى گەنجيې 3-ئاينىڭ 19-كۈنى «خەلق» سارىيىدىكى «مىنىستىرلار كارىدورى» دا مۇنداق دېدى: كۆمۈر يېقىلغۇسىنى گاز، ئېلېكتر يېقىلغۇسىغا ئۆزگەرتىشنىڭ تۇمانلىق ھاۋانى تۈزەشكە قوشقان تۆھپىسى چوڭ، ئەمما ئاساسلىقى سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرگە ئەمەس، يېزىلاردىكى كىشىلەر كۆيدۈرىدىغان كۆمۈرگە قارىتىلغان. شىمالدىكى رايونلاردا قىشتا پاكىز ئېنىرگىيەدىن ئىسسىنىش تۇمانلىق ھاۋانى تۈزەشتىكى مۇھىم قارار ئورۇنلاشتۇرمىسى، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر توننا پارچە كۆمۈر 15 توننا توك چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈرنىڭ قويۇپ بېرىش مىقدارىغا تەڭ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ئۆلكىسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىكى 28 شەھەردە 50-60 مىليون توننا پارچە كۆمۈرنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارى مەلۇم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. كۆمۈر يېقىلغۇسىنى گاز، ئېلېكتر يېقىلغۇسىغا ئۆزگەرتىش ئاتموسفېرا سۈپىتىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  كۆمۈر يېقىلغۇسىنى گاز يېقىلغۇسىغا ئۆزگەرتىش جەريانىدا گاز مەنبەسىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن، لى گەنجيې مۇنداق دېدى: بۇلتۇرقى تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، خەلق ئىشلىتىدىغان كۆمۈر يېقىلغۇسىنى گاز يېقىلغۇسىغا ئۆزگەرتىشنىڭ تەبىئىي گاز ئىستېمالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. تەبىئىي گاز ئومۇمىي جەھەتتىن قىس بايلىق، ئەمما ئوخشاشمىغان ساھەنىڭ ئوخشاشمىغان تەرەپلىرىدە ئىشلىتىلسە، قىممىتى ئوخشاشمايدۇ.

  نۆۋەتتە ھەم كەلگۈسىدىكى بىر مەزگىلدە، تەبىئىي گازنىڭ كۆمۈر يېقىلغۇسىنى گاز يېقىلغۇسىغا ئۆزگەرتىش، ئىسسىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى، مۇھىت ئۈنۈمىنىلا ئەمەس، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ. پۇقرالار تەبىئىي گازنىڭ ئۆيلىرىگە يەتكۈزۈلۈپ، تاماق ئېتىش، يۇيۇنۇشنىڭ تېخىمۇ قولايلىقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: شىمال رايونلاردا قىش پەسلىدە پاكىز ئېنىرگىيە ئارقىلىق ئىسسىنىش مەركەزنىڭ تۇمانلىق ھاۋا، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم قارارى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، چوقۇم قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىشلارنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى