تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

بىرازىلىيەلىك سەپتىن چېكىنگەن پۇتبول چولپىنى رومانىيۇ رىئودى ژانىيرو شىتات باشلىقى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: بىرازىلىيەلىك سەپتىن چېكىنگەن پۇتبول چولپىنى رومانىيۇ رىئودى ژانىيرونىڭ شىتات باشلىقى سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

    زوراۋان جىنايەتلەرنى توسۇش، رومانىيۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەشەببۇسى بولۇپ، ئۇ «قالايمىقان ۋاقىتتا ئۆزگەرتىش ئەڭ مۇھىم ۋە جىددىي مەسىلە، رىئودىدا ئەزەلدىن بىخەتەرلىك مەسىلىسى مەۋجۇد ئىدى، بىراق، ھازىرقىدەك ئېغىر بولۇپ باقمىغان» دېدى. شۇ كۈنى، داڭلىق سىياسىيونلاردىن سىرىت، ئۇنىڭ تەرىپىنى قىلغانلاردىن يەنە بۇرۇنقى سەپدېشى بېبېتتو بار ئىدى.

    رومانىيۇ بۇ يىل 52 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىلگىرى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولغان ئىدى، 1994-يىلى بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگىنىدە كوماندىنىڭ ئاساسىي ھۇجۇمچىسى بولۇپ، شۇ يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى شەرىپىگە ئېرىشكەن. سەپتىن چېكىنىپ، 2010-يىلى فېدراتسىيە ئاۋام پالاتا ئەزالىقىغا تاللانغان، 2014-يىلى فېدراتسىيە ئالىي پالاتا ئەزالىقىغا سايلانغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ قىزىنىڭ دوۋن سىندرومى كېسەللىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مېيىلەرنىڭ ھوقوقىنى قوغداشنى تەرغىپ قىلغان. بۇلتۇر يەنە كىتاب چىقىرىپ، بىرازىلىيە پۇتبولچىلىقىدىكى چىرىكلىكنى پاش قىلغان.

    رومانىيو ئىلگىرى رىئودى ژانىرونىڭ شەھەر باشلىقى سايلام رىقابىتىگە قاتناشقانىدى، كېيىن، يېرىم يولدا چېكىنىپ، غەلبىلىك ھالدا شەھەر باشلىقىغا سايلانغان كېررىي ۋېررانى قوللىغان. بىرازىلىيە تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، رومانىيۇنىڭ قەرزى بولغانلىقى ئۈچۈن مال-مۈلۈكىنى يوشۇرغان سەۋەبلىك تەكشۈرۈلىۋاتقانىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى