تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدە باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى چۈشلۈك دەم ئېلىشتىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنجاڭ تورى خەۋىرى: بۈگۈندىن باشلاپ ئۈرۈمچىدىكى باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى قوبۇل قىلىدىغان 30 ئورۇن خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن خىزمەت ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش، ئۇزارتىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۈرۈمچىدە قانۇنلۇق مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان، ئوقۇۋاتقان، ئولتۇراقلاشقان باشقا ئۆلكە نوپۇسىدىكىلەرنىڭ كىملىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاقتى توشسا، بۇزۇلۇپ كەتسە ياكى يىتۈپ كەتسە، يېقىن ئەتراپتىكى قوبۇل قىلىش نۇقتىسىدا بېجىرسە بولىدۇ.
    مۇخبىرنىڭ 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكىدىن 30ى خىزمەت ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش، ئۇزارتىش خىزمەت مېخانىزمىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئادەتتىكى خىزمەت ۋاقتىدىن باشقا، چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتىدا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىتتا، كەسىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇلازىمەت ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قاندۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى 11-ئايدا ئۈرۈمچىدە باشقا جايدىكىلەرنىڭ كىملىكىنى قوبۇل قىلىش كەسپى يولغا قويۇلۇشقا باشلىغان. بۇلتۇر بىر يىلدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 36 مىڭدىن ئارتۇق كىملىكنى ئۆلكە ئاتلاپ بېجىرگەن.
    شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: ئاھالىلەر باشقا جاينىڭ كىملىكىنى بېجىرگەندە ئۈرۈمچىدىن ئالغان ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى، «ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقانلىقىنى تىزىملاش ئىسپاتى» ياكى مەھەللە كومىتېتى كېسىپ بەرگەن «ئولتۇراقلىشىش ئىسپاتى»، ئالىي، ئوتتۇرا تېخنىكومدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ياكى مەكتەپكە ئوقۇۋاتقانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ، قوبۇل قىلىش نۇقتىسىغا بېرىپ بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ۋاقتى توشقان، بۇزۇلغان كىملىكنى ئالماشتۇرۇۋالسا، يېتۈپ كەتكەنلىرىنى تولۇقلىۋالسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ھامىيسىنىڭ ھەمراھلىقىدا كىملىك بېجىرىشى كېرەك.
    ئىلتىماس قىلغۇچى «ئاھالىلەر كىملىكىنى ئېلىۋېلىش ئىسپاتى» نى ئېلىپ قوبۇل قىلىش نۇقتىسىغا بېرىپ، بارماق ئىزى بىلەن تەكشۈرتۈپ، كىملىكنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاتقاندىن كېيىن ئېلىۋالسا بولىدۇ، كىملىكنى ئالماشتۇرغانلار كونا كىملىكنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى