تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئېلىمىز بوشلۇق يادرو ئېنېرگىيەسى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى پەن-تېخنىكا گۇرۇھى 6-تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ليۇ جىراڭ يېقىندا مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تەتقىقات يۇرتىمىز دۆلەت ئىچىدىكى يادرو ئېنېرگىيەسىگە ئالاقىدار تەتقىقات لايىھەلەش ئورۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بوشلۇق يادرو ئېنېرگىيەسى تەتقىقاتى لايىھەسىنى دەلىللەش ھەمدە ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تەتقىقاتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. كېيىنچە يادرو ئىسسىقلىقى، يادرو ئېلېكتىرى جەھەتتە كۆپ خىل لايىھەلەرنى تۈزۈپ، بوشلۇق ۋەزىپىسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كېڭەيتىدۇ. يادرو ئىسسىقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش سېلىشتۇرما ئىمپۇلسى يۇقىرى بولۇش، ئىتتىرىش كۈچى زور بولۇش، خىزمەت ئۆمرى ئۇزۇن بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە،  ئۇ  نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى پەرەز قىلالايدىغان كېيىنكى ئەۋلاد بوشلۇقتا ئىلگىرىلىتىش سىسىتېمىسى، شۇنداقلا ئادەملىك ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر.

    ئېلىمىز ئېلان قىلغان ««2045–2017-يىللىق ئالەم بوشلۇقى تىرانسپورت سىستېمىسى تەرەققىيات يول خەرىتىسى» دە كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىز  2040-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە يادرو ئېنېرگىيەسى بوشلۇق موكىسىمان ماشىنىسى (زامان، ماكان بوشلۇق موكىسىمان ماشىنىسى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ساھەسىدە چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىدىكەن.

    ليۇ جىراڭ مۇنداق دېدى: ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سۇيۇقلۇق بىلەن قوزغىتىلىدىغان راكېتانىڭ موتورى خىمىيەلىك ئىلگىرىلىتىشكە تەۋە بولۇپ، سېلىشتۇرما ئىمپۇلسى ئۆز خىمىيەلىك يېقىلغۇ بىلەن چەكلىنىدىغان بولغاچقا، كەلگۈسىدىكى ئادەملىك مارس تەكشۈرۈشى ۋە چوڭ تىپتىكى يۇلتۇزلار ئارا مال توشۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ كېتىشى تەسكە توختايدۇ. يادرو ئىسسىقلىقى راكېتا موتورى ئادەتتە ھىدروگېننى ئىتتىرگۈچ قىلىدىغان بولغاچقا، يۈز مېگاۋات دەرىجىدىن يۇقىرى يادرو رېئاكتورىدىن پايدىلىنىپ، ھىدروگېننى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قىزىتقاندا، سېلىشتۇرما ئىمپۇلسى ئوكسىگىدروگېنلىق موتورنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى دەرىجىگە يېتىدۇ، ئىتتىرىش كۈچى نەزەرىيە جەھەتتە 100 توننىغا يېقىنلىشىدۇ. مەسىلەن: ھازىر يەر شارىدىن مارسقا بېرىش ئۈچۈن سەككىز ئايچە ۋاقىت كېتىدۇ، ئەگەر كۈچلۈك ئىتتىرىش كۈچىكە ئىگە يادرو ئېنېرگىيەلىك ئالەم ئۇچقۇسىغا تايانغاندا، ئۇچۇش ۋاقتىنى بىر يېرىم ئايچە قىسقارتقىلى بولىدۇ.

    بىراق، بوشلۇق يادرو ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى سىىستېما لايىھەسى، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ۋە نۇسخا ماشىنا تەتقىقاتى توغرىسىدا ئىزدەنگەن، لېكىن تەجرىبە دەلىللەش شەرتى، يادرو بىخەتەرلىكى ھەمدە قوغدىنىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەر سەۋەبىدىن تاكى بۈگۈنگىچە ھەقىقىي ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. ليۇ جىراڭ مۇنداق دېدى: يادرو ئېنېرگىيەسى سىسىتېمىسىنىڭ كۆلىمى، ئېغىرلىقى چوڭ، يۈرۈشتۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى مۇرەككەپ بولغاچقا، ئۇنى ئالەم قاتنىشى ۋە باشقا ساھەلەردە ئىشلىتىش  چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

    بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يادرو ئېنېرگىيەسى ئادەملىك ئالەم كېمىسىگە ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن رادىياتسىيەدىن ساقلىنىش تېخنىكىسى جەھەتتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك، بولمىسا رادىياتسىيەنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا بولغان تەسىرى كۈندە X نۇرىغا سەككىز قېتىم چۈشكەنگە باراۋەر بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى