تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېڭى دەۋردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى سوئالىغا ياخشى جاۋاب بېرەيلى

  خەن چىنيەن

  يەنە بىر يېڭى باھار پەسلى، يەنە بىر يېڭى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن›› مەزگىلى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇلتۇر 3 – ئاينىڭ 10 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5 – يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا كۆرسەتكەن ‹‹نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ۋە چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشى، شەھەر – بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ياخشى يولغا قويۇپ، يېزا – قىشلاقلار ۋە چېگرا رايونلارنىڭ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك›› دېگەن سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئېسىدە مەھكەم ساقلاقلىق.

  سەمىمىي تاپشۇرۇق، ئىزگۈ تىلەكلەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ھارارەت بېغىشلىماقتا ۋە مەدەت بەرمەكتە. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەشكە باشلامچىلىق قىلىپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا، قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر ئاممىغا، ھەل قىلىش ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىن نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى سوئالىغا تىرىشىپ ياخشى جاۋاب بەرمەكتە.

  2017 – يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە 317 مىڭ 400 نامرات ئاھالە مۇقىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 331 نامرات كەنت، ئۈچ نامرات ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆلچىمىگە يەتتى.

  دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش

  ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي جەڭگاھى قىلىش كېرەك››. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئۇرغۇتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىگە بىرلىكتە قەدەم قويۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە مەدەت بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە بىرىنچى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، دىققەتنى دەل جايىدا بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەل قىلغۇچ جەڭنى ياخشى قىلىپ، كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى.

  چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت، ئىللىقلىق مۇجەسسەملەنگەن ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر جەنۇبىي شىنجاڭدا مەركەزلىك يولغا قويۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

  ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق تۈپەيلىدىن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامراتلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك بولماقتا.

  جايلار، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئاھالىنىڭ تەكتى ئېنىق بولماسلىق، ئەھۋالى ئېنىق بولماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا، ئاپتونوم رايون دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ‹‹تۇنجى ئېغىزى›› قىلىپ، دەل بولۇش، توغرا بولۇش، ئەمەلىي بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلدى.

  2017 – يىلى 3 – ئايدىن 5 – ئايغىچە، شىنجاڭ بويىچە 50 مىڭدىن كۆپرەك كادىر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئۇچۇرلارنى قايتا دەلىللەپ، قايتا سېلىشتۇردى. 2017 – يىلى 8 – ئايدىن 10 – ئايغىچە، 170 مىڭ كادىر ئاپتونوم رايون بويىچە يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتىنى قايتا سېلىشتۇرۇشنى يەنە بىر قېتىم تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشقا قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىندى.

  بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ‹‹ئائىلىدە كارتا بولۇش، كەنتتە جەدۋەل بولۇش، يېزىدا تىزىملىك بولۇش، ناھىيەدە ئارخىپ بولۇش، ۋىلايەتتە توپلام بولۇش، ئاپتونوم رايوندا ئامبار بولۇش›› ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تارىخىدىكى مۇكەممەل بولغان ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك نامرات ئاھالىنىڭ ئۇچۇر ماتېرىيال ئامبىرى تۇنجى قېتىم قۇرۇلۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلدۇرۇشقا ئاساس سېلىندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، نىشان يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، سىياسەت جەھەتتىن كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ‹‹كىم يۆلەش›› ۋە ‹‹قانداق يۆلەش››نى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.

  دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىشتا، شىنجاڭ بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ داغدۇغىلىق ۋەزىيىتى تېزدىن شەكىللەندۈرۈلدى.

  مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش

  پوسكام ناھىيەسىنىڭ تۇغچى يېزىسى ساڭ كەنتىدىكى تۇخان سەمەر مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، كاڭدا ئۇخلايتتۇق. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  تۇخان سەمەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر يەرلىكنىڭ پۇقراۋى كارخانىلارنى جەلپ قىلىپ، ‹‹قان ئىشلەش شەكلىدە نامراتلارنى يۆلەش›› تەدبىرىنىڭ پايدىسىدىن بولغان. بۇلتۇر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەمراھ زاۋۇتلاردا نەچچە ئونمىڭ كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى.

  ھۆكۈمەت ‹‹يالغۇز جەڭ قىلىش››تىن پۈتۈن جەمئىيەت ‹‹مۇشت بىلەن زەربە بېرىش››كىچە، ئاپتونوم رايون جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ ۋە جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يۆلەش – ئېچىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئىشلەتتى، بۇنىڭ %80تىن كۆپرەكى ناھىيە ۋە يېزا – كەنتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. دۆلەتنىڭ تولۇقلىما ئۆلچىمى ئاساسىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كۆپ قىسىم ئۆلكە، شەھەرلەر ھەربىر ئائىلىگە نامرات ئائىلىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىپ سېلىش مەبلىغىدىن يەنە 10 مىڭ يۈەن تولۇقلىما بەردى.

  ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ھەرىكەتكە كەلدى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى بىلەن ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى بارلىق ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر ساۋ جىۋېن مۇنداق دېدى: تەپەككۇر بولغاندىلا بېيىغىلى بولىدۇ، بېيىغانسېرى تەپەككۇر ئېچىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپلىگەن پۇقراۋى كارخانىلار ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايون بويىچە 911 پۇقراۋى كارخانا 821 نامرات كەنت، 165 مىڭ 700 نامرات نوپۇسقا ياردەم بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش بويىچە تۈرلۈك تۈر مەبلىغىدىن 630 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 1427 تۈرنى يولغا قويۇپ، 6839 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ‹‹ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرگە ياردەم بېرىش، شىمالىي شىنجاڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، بىڭتۈەن يەرلىككە ياردەم بېرىش››تەك ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسى يەنىمۇ راۋاجلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرى، كورلا شەھىرى قاتارلىق ئىقتىسادىي كۈچلۈك شەھەر(ناھىيە، رايون)لەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ناھىيەلەر بىلەن جىپسىلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئاساسىي جەڭگاھىغا پائال ئاتلاندى.

  ئىگىلىشىمچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايون قەشقەر، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ كىشىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يېزىلاردىكى 47 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمى زور بولغان توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك كەسپى، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار، پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر – بازارلاردا 470 مىڭ كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم(قېتىم)نى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى تەربىيەلەشنى قاراتمىلىق يولغا قويۇش ئارقىلىق تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما تۈرلىرىنىڭ شىنجاڭلىق 618 مىڭ ئەمگەكچى(قېتىم)نى ئىشلىتىشىگە تۈرتكە بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن 315 مىڭ 600 ئادەم (قېتىم) ئىشلىتىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

  ئىشەنچنى چىڭىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىش

  مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى چاجاڭ كەنتىدىكى نامرات ئاھالە ئادىل تالىپ مۇنداق دېدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاچقۇچى بېيىش يولى تېپىشتا.

  ئادىل تالىپنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شۇ يەردىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۇنى ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆكتات پارنىكى ياسىشىغا ياردەم بەردى.

  يېقىندا ئادىل تالىپ پارنىكتىكى ياپيېشىل كۆكتاتلارغا قارىغىنىچە ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بازاردىن ئېيىغا 70 – 80 يۈەنلىك كۆكتات سېتىۋالاتتىم، ھازىر كۆكتات سېتىۋالىدىغان پۇل تېجىلىپلا قالماي، كىرىمىممۇ بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى.

  بۇلتۇردىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يۆلەش ئوبيېكتى دەل جايىدا بولۇش، تۈرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى دەل جايىدا بولۇش، مەبلەغ ئىشلىتىش دەل جايىدا بولۇش، تەدبىرنىڭ ئائىلىلەرگىچە ئەمەلىيلىشىشى دەل جايىدا بولۇش، كەنتنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئادەم ئەۋەتىش دەل جايىدا بولۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈنۈمى دەل جايىدا بولۇشتا چارە ئىزدەپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، تۈرلۈك قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى نامراتلىقنىڭ ‹‹كېسەل يىلتىزى››غا قارىتىپ، ‹‹نىشانلىق داۋالاش››نى يولغا قويۇپ، ‹‹باستۇرۇپ سۇغىرىش››تىن ‹‹دەل جايىدا تېمىتىپ سۇغىرىش››قا ئۆتۈشتەك سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  چاغان ئۆتۈشى بىلەنلا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نۇرغۇن ياش يۈك – تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا تەييارلاندى.

  مەكىت ناھىيەسىنىڭ قۇرما يېزىسى تامدۆڭ كەنتىدىكى ئىلھام تۇرسۇن مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مەنمۇ ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشقا تىرىشىمەن.

  بىر ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشسا، پۈتۈن ئائىلە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. 2017 – يىلى مەكىت ناھىيەسى 2273 كىشىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ 81 مىليون 830 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولدى، كىرىم گەۋدىلىك بولدى.

  نامراتلارنى يۆلەشتە ئالدى بىلەن ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش كېرەك، مائارىپ نامراتلىقنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى تۈگىتىشنىڭ تۈپ يولى. بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 6 مىليون 920 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ياردەم قىلىپ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تۆپە پورتى تۆپە مەھەللىسىدىكى ھاشىم جۈمە مۇنداق دېدى: بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت! ئىلگىرى سىرتلارغا ئاتلىق چىقاتتۇق، ھازىر موتوسىكلىتلىق چىقىدىغان بولدۇق، كەلگۈسىدە يەنە ئاپتوموبىللىق چىقىمىز!

  بۇلتۇر 6 – ئايدا، ھاشىم جۈمە ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ بايقۇرۇت يېزىسى قىزىلئاغىن كەنتىدىن تۆپە مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلدى. كونا ئۆيىدىن كۆچۈپ يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلەر يالغۇز ھاشىم جۈمە ئائىلىسىلا ئەمەس، ئاپتونوم رايون بويىچە 300 مىڭ دېھقان – چارۋىچى مۇشۇنداق يېڭى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.

  ‹‹2020 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز››. بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن چىقارغان خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى ھەم ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلققە بەرگەن تەنتەنىلىك ۋەدىسى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر مەقسەتتە كۈچ چىقارساقلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى مۇساپىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.